د ئۇ ق ميۇنخېندا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، 1949 - يىلدىن كېيىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدە خەلقئارا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە دەۋرىمىزگە ئۇلۇشۇشىغا زور تۆھپە قوشقان يېتۈك ئۇيغۇر رەھبىرىدۇر. مەرھۇم 1996 - يىلى ۋاپات بولغىچە ئۆمرىنىڭ ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بۇ ئاي مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 11 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مەرھۇمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.