2 – ئاۋغۇست كۈنى، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا " تېررورچىلىققا زەربە بېرىش نامى بىلەن، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرماسلىق" ھەققىدە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى دېموكراتىك ھەرىكەت بىلەن تېررورىزمنى ئايرىپ قارىشى كېرەك
بىز ھېچقاچان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى سىياسىي پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى، دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمىز. بىز خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشنى خالىمايمىز، بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز پەقەت ئۆزىمىزگە تېگىشلىك بولغان سىياسىي ھوقۇقتىن ئىبارەت.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئامېرىكىنىڭ، بولۇپمۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ھەرىكەت بىلەن تېررورلۇق ھەرىكىتىنى بىر - بىرىدىن قەتئى ئايرىپ قاراش مەسىلىسىگە نىسبەتەن ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم دېموكراتىك ھەرىكەت بىلەن تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئايرىۋېلىشى كېرەك. چۈنكى، بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىز تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەت ھەرگىزمۇ تېررورىزم پائالىيەتلىرىدىن ئەمەس.
دىلشات بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىپ "11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى، خەلقئارا تېررورچىلىققا ھەمدە ئىسلام رادىكالىرىغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلرىنى تېررورچىلىق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز يەتكۈزدى. دىنىي ئەربابلارنى خالىغانچە قولغا ئالدى، '1000 ئادەم خاتا قولغا ئېلىنسا ئېلىنسۇن، ئەمما بىرنىمۇ قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ' دېگەن سىياسىتى ئاستىدا نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قاماققا تاشلىدى، يۈزلىگەن ئادەمنى ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلدى" دېدى.
دىلشات رېشىت يەنە مۇنداق دېدى:
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا زەربە بېرىش دېگەن باھانادا مىللىتىمىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپ، ئېتىقادىمىزنى توسۇپ، ئىنسانلارنى خالىغانچە تۇتۇپ، سوراقسىز ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق دەپ، دۆلەت تېررورىزم سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتىدۇ.
د ئۇ ق ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستىكىدىن ۋاز كەچمەيدۇ
دىلشات يەنە "بېيجىڭ دائىرىلىرى، دىنىي ئېتىقاد بىلەن ئىدېئولوگىيە جەھەتتە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باستۇردى. بولۇپمۇ چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىرىنى خەلقئاراغا تېررور تەشكىلاتى قىلىپ كۆرسىتىپ، مەزكۇر تەشكىلاتلارنى يالغۇز قالدۇرۇشتەك رەزىل نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت ئىچىدە بولسا زوراۋانلىق بىلەن قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتتى" دېدى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇپلا قالماستىن، ئۇلارغا ئىدېئولوگىيە جەھەتتە تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغدى" دەپ كۆرسىتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستىكىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن - ئەھدىنامىلەرگە بويسۇنغان ھالدا ئۆز دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز پەقەت دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمىز
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىن، ئەزەلدىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دىلشات رىشىت : "1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ تونۇلغانلىقىنى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كوممۇنىست دۆلىتى ئوتتۇرىسدىكى كېلىشىمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، بېيجىڭ تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغانلىقىنى" تەكىتلىدى.
دىلشات رىشىت: "بىز ھېچقاچان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى سىياسىي پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى، دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمىز. بىز خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشنى خالىمايمىز، بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز پەقەت ئۆزىمىزگە تېگىشلىك بولغان سىياسىي ھوقۇقتىن ئىبارەت" دېدى.
دىلشات رىشىت ئاخىرىدا: "ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى تونۇسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسى ھەققىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قارىشى
بىز ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، دىلشات رىشىتنىڭ يۇقىرىدا تەكىتلىگەنلىرى ھەققىدە قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات ئالماقچى بولدۇق.
مەزكۇر بۆلۈمنىڭ خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىزنىڭ ئەلچىخانا باياناتچىسى بىلەن كۆرىشىشىمىزنى بۇيرۇدى ھەمدە ئۇنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى. بىراق بۇ تېلېفون بىزنىڭ سۆز قالدۇرۇپ قويۇشىمىزنى ھاۋالە قىلدى، بىز ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
ئەمما، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، 3 - مارت كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: "جوڭگو، تېررورچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بىر دۆلەت، ئاز ساندىكى شەرقىي تۈركىستانچىلار شىنجاڭنى جوڭگودىن ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىش مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن، جوڭگو چېگرىسى ئىچىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن گۇناھسىز خەلقنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە زور ئىقتىسادىي زىيانلارنى مەيدانغا كەلتۈردى" دېگەن. ئۇ يەنە: "جوڭگونى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارغا زەربە بەردى ۋە ئۇلارنى باستۇردى دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەقىدە)