خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
2006.04.05
دېموكراتىك ئەللەردە دىنىي ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ ئەقەللىي ئۇقۇملاردىن بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئىنسان، ھەر قانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋاڭ لېچۈئەن ۋە ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈ|ئەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىي گۇرۇھلارنىڭ رايونغا سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىن ئىسمائىل تىلىۋالدى "ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە تەۋرەنمەي قاتتىق زەربە بېرىپ، بولۇپمۇ چېگرا ھالقىغان ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ رايونىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش" لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا تەشكىلاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىلىرى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان پەيتتە، ۋاڭ لېچۈئەن ۋە ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ خىل ئىبارىلەر بىلەن مەيدانغا چىقىشى، دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى قاتارلىق بارلىق ئىمتىيازلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سوتسىيالىزمدا زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يەنە سوتسىيالىزم قۇتقۇزامدۇ؟
- چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزلىرىگە باھا بەردى
- د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە