د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
2005.09.22
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، 13-19-سېنتەبىرگىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلەر يىغىنى ۋە ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۇنيا مۇنبىرىنىڭ خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ يىغىنغا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاتاغلىق سىياسەتچىلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى بۇلۇپ نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. يىغىندا تەيۋەن پرېزىدېنتى ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان تەيۋەن دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېن شۇيبيەن ۋە مۇئاۋىن پرەسىدەنت ئاناتو لىئۇ خانىممۇ ئىشتىراك قىلغان
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەركىن، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارىتىلغان ئىككى خىل ئۆلچىمىنى تەنقىد قىلدى
- ميۇنخېندا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇش باشلىدى
- د ئۇ ق ۋاڭ لېچۈەننىڭ رابىيە خانىمغا تۆھمەت چاپلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە توختالدى
- ميۇنخېندا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى كۇرسى ئېچىلدى