ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2007 - يىلى 1- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىشتىراك قىلدى.
د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە UNPO (ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2006 - يىلى 11 - ئايدا، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەندە چاقىرىلغان ئومۇمى قۇرۇلتىيىدا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى UNPO نىڭ توققۇز نەپەر ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلات
دۇنيادىكى 250 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسانغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان UNPO بولسا يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەڭ ئاكتىپ قوللاپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى UNPO نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ باش كاتىپ بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ سەككىز قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.
UNPO نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىننىڭ 1 - كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى، لىبېرال پارتىيىنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. UNPO نىڭ باش كاتىپى Marino Basduchen ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى Nirj Deva نىڭ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرىگە سەپسەتە تۈسىنى ئالغان خاتا خەتلەرنى يوللىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى UNPO نىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 700 دىن ئارتۇق مىللەت ۋەكىلىگە خەت يېزىپ، د ئۇ ق ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتىدىن ئاڭلاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سەۋەبلىك ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 150 دىن ئارتۇق مىللەت ۋەكىلىنىڭ UNPO غا رەھمەت خېتى يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ، د ئۇ ق ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
مارىنودىن كېيىن سۆز قىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھەم ياۋروپا دېموكراتىيە ۋە لىبېرالىزم ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى Istvan Szent Ivanyi ئەپەندى، سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە 2006-يىلى 11-ئايدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا كۆرۈشكەنلىكىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆزىدە چۇڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىغىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ جاسارىتى، غەيرىتى ھەم ئىنسانىي پەزىلىتىگە ھەيران بولغانلىقىنى، بۇنداق بىر ئىنساننى تېررورىزم بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى، پارلامىنېت ئەزاسى Nirj Deva نىڭ خىتاينىڭ ئالدىشىغا ئىشىنىپ، پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن خېتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، دەرھال Nirj Deva نىڭ خېتىگە قارشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتلىرىنى، ھەقىقى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاساستا خەت تەييارلاپ، بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن
بۇ خۇسۇستا UNPO ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى ھەپتىلىرى Nirj Déva نىڭ سەپسەتىسىگە دەل ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغۇشىغا سەۋەپچى بولغان ئىدى.
UNPO نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە بۇ ۋەقەنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
بۇنىڭ بىلەن يىغىن ئەھلى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىگەن ۋە شېھىتلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرغان. UNPO نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا يەنە، UNPO بىلەن د ئۇ ق نىڭ 2007 - يىللىق پائالىيەتلىرىنىڭ پلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ھەققىدە كېلىشىملەر قوبۇل قىلىنغان. (ئەكرەم)