چەتئەل تور بەتلىرىدىكى ياپونغا قارشى نامايىشلار ھەققىدىكى ئىنكاسلار

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئارال تالاش - تارتىشى ئۆتكۈرلەشكەندىن كېيىن، خىتايدىكى ھەرقايسى ئۆلكە - شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەردى. خىتاي نامايىشچىلارنىڭ ياپونغا قارشى شۇئار توۋلاپ، ياپونىيىلىكلەر ئاچقان دۇكانلارغا، سودا - سارايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇلاڭ - تالاڭ، ئۇرۇپ - چىقىش ۋە ھەتتا ياپون مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىشتەك ۋەقەلەر كۆرۈلدى. ئەلۋەتتە خىتاي ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا بۇلار ۋەتەنپەرلىكنىڭ ئىپادىلىرىدەك كۆرستىلگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر پەيدا بولماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.09.21
xitay-yapon-siyasiy-ay-toqach-305.png خىتايلارنىڭ ياپونىيەگە قارشى سىياسىي ئاي توقاچلىرى
Weibo.com


تۆۋەندە بۇ ھەقتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن ئىنكاسلار ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئىرادە مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكە، شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ياپونغا قارشى نامايىشلاردا تۈرلۈك زوراۋانلىق، شىددەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمىدى ئەلۋەتتە. كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، ئۆزىنىڭ قولىدىكى ناننى بىرى قاراپ تۇرۇپ تارتىۋالسا، نامايىش قىلىپ، ھوقۇقىنى تەلەپ قىلالمايدىغان بىر مىللەت قانداق بولۇپ ياپونىيىگە شۇنچە ئۆچ بولۇپ كەتتى؟ دەپ ئىنكاس قىلىشتى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە خەلقئارادىكى ئىجتىمائىي تور بەتلەردىن تىۋىتتىر، فېيسبۇك ۋە باشقا شەخسى بلوگلاردىكى ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە كىشىلەر بىردەك، خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئاۋازى مەتبۇئاتلارنىڭ يەنى، خىتاي كۈندىلىك گېزىتى ۋە خەلق گېزىتلىرىنىڭ ئوت قويرۇقلۇق قىلىپ، نامايىشلارنىڭ زوراۋانلىققا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىنكاسلاردا مۇلاھىزە قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى، نامايىش تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي كىملىكى مەسىلىسى بولۇپ، مۇلاھىزىچىلەر بىردەك نامايىشلاردا ھۆكۈمەتنىڭ قولى بار دەپ قارىغان. مەسىلەن، «قىزىل رەڭلىك جۇڭگو» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، نەنجىڭ، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ماۋزىدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەرنىڭ توختىماي «ياشىسۇن كومپارتىيە» دەپ شۇئار توۋلىغانلىقىنى مىسال قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىك يانتاياقلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردىن يەنە بىرى، تىۋىتتىردىكى ساۋ ياشۆ ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، ئۇ ئىنكاسىدا نامايىشلار دەسلەپ باشلانغان مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ياپون ئەلچىسىنىڭ پىكاپىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ «ئويلاپ بېقىڭلار، ئادەتتىكى پۇقرالار قايسى ئاپتوموبىلنىڭ ياپون ئەلچىلىكىگە ئائىتلىقىنى بىلەمدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ نامايىشلارنى كۈشكۈرتۈپ قويۇپ، يەنە بىر ياقتىن داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇجيانىڭ دىياۋيۈ ئارىلى ھەققىدە يازغان ماقالىسىنى ئۆچۈرۋەتكەنلىكىنىمۇ ئىنكاس قىلغان.

قىزىل رەڭلىك خىتاي تور بېتىدىكى مۇلاھىزىدە مۇنداق دېىيىلگەن :

مەلۇمكى، ئادەتتە خىتايدا ھۆكۈمەت سېنىڭ ئىشىڭنى، نېنىڭنى تارتىۋالغاندىن كېيىن سەن «ئەگەر ئىش تېرىيدىغان بولساڭ، سېنىڭ كەشىڭنى توغرىلاپ قويىمەن. سەن ئۆزەڭنى كىم دەپ ئويلاپ قالدىڭ؟ سېنى ئۆلتۈرۈش بىز ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس. نوچى بولساڭ بىز بىلەن ماڭ، سېنى قانداق ئادەم قىلىۋېتىدىغىنىمىزنى كۆرىسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلايسەن. بۇنىڭ بىلەن ئەگەر سىز ئاچچىقىڭ كېلىپ، بۇ گەپلەرنى چىقىپ تالادا سۆزلىسەڭ، ئۇ ھالدا «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىسەن. ئەمما، بىز بۇ ھەپتە خىتايدا تېخىچە بىز ئاچچىقلىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان بىر نەرسە بارلىقىنى كۆردۇق - ئۇ بولسىمۇ ياپون.

مۇلاھىزىلەرنىڭ يەنە بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:

مېنىڭ چېڭدۇدىكى بىر دوستۇم ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردا ئالىي مەكتەپ ۋاقتىدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ يىلى ئامېرىكا خىتاينىڭ بېلگىرادتىكى ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىۋەتكەندە، بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىنىپ نامايىشلارغا چىقىرىلغان. كېيىن ئامېرىكا كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىنلا پۈتۈن نامايىشلار توختىتىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار كەلگەن مەكتەپلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ۋە شۇندىن بېرى ئۇ ئىككىنچىلەپ ھېچقانداق سەۋەب ئۈچۈن نامايىشقا چىقالمىغان. ئەمدىلىكتە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئوينىغان ئويۇنىدىكى پېچكىلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ھازىرغا كەلسەك، نامايىشقا چىققان بۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق چىقىرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. لېكىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تۆۋەنلەپ ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمىغاندىلا ئاندىن ئەسلىدە كىمگە غەزەپلىنىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇنىڭدىن سىرت، بۇ مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى بىر ياقتىن نامايىشلارنى كۈشكۈرتسە، يەنە بىر ياقتىن دىياۋيۈ ئارىلى يەنى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولمىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. مەسىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئاخباراتچىلىق كەسپى پروفېسسورى، تونۇلغان تور يازغۇچىسى جياۋ يۈباۋ ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن 12 - سىنتەبىر كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. مەركىزى نيۇيوركتىكى ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جياۋ يۈباۋ ۋېيبو تور بېتىدە ئۆزىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلان قىلغان ۋە 12 - سىنتەبىر كۈنى دەرھال تۇتقۇن قىلىنغان. ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىدىن ھەر كىشىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆز قارىشىنى بايان قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەردىن جياۋ يۈباۋنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇنىڭدىن سرت، تىۋىتتېر تور بېتىدە بەزىلەر «ياپونغا قارشى نامايىشلاردا «تارىخنى ئۇنتۇپ قالمايمىز» دەپ شۇئار توۋلىغانلار، ئەجىبا سىلەر نېمىشقا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالىسىلەر، شۇمۇ سىلەرنىڭ تارىخىڭلارغۇ؟ دەپ يازسا، يەنە بەزىلەر ھازىر خىتايدا ئەڭ بازا تاپقان «ئاي توقاچ» نىڭ ئۈستىگە «شاكىچىك ياپوننى ئۇرايلى، دەسسەپ يانجىۋېتەيلى، شاكىچىك ياپوننى قوغلاپ چىقىرايلى» دېگەندەك خەتلەر بېسىلغان ئاي توقاچ ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ۋە ئۇ ئاي توقاچلارنىڭ رەسىمىنى تىۋىتتېر تورىغا چىقىرىپ قويغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ سەھىپە يازغۇچىسى نىكولاس كىرىستوف بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسدە خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى زوراۋان خاراكتېرىنى ئالغان نامايىشلارنىڭ ياخشى تەسىر پەيدا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن :

خىتايدىكى بۇ نامايىشلار خىتاينى خۇددى ئاڭسىز، خۇدىنى يوقاتقان زومىگەرلەرگە ئوخشىتىپ قويدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ھەددىدىن زىيادە مىللەتچىلىكنى كۈشكۈرتۈشنىڭ ئورنىغا ئۇنى تېزگىنلىشى كېرەك. بۇ مەسىلە دېگەن ھەر ئىككى دۆلەت خەلقئارا سوت، دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان مەسىلە، كوچىدا ھەل قىلىدىغان ئىش ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.