ميۇنخېندا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى كۇرسى ئېچىلدى
2005.08.23
21-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسى رەسمى دەرس باشلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئورنىدا تەسىس قىلىنغان مەزكۇر كۇرسقا ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىگە ئانا تىل، دىنىي تەربىيە ۋە مىللىي مەدەنىيەت ساھەلىرىدە دەرس ئۆتىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
- گېرمانىيىدە ئىئانە توپلاش سەپەرۋەرلىك يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزدى (2)