ميۇنخېندا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى كۇرسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

21-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسى رەسمى دەرس باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئورنىدا تەسىس قىلىنغان مەزكۇر كۇرسقا ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىگە ئانا تىل، دىنىي تەربىيە ۋە مىللىي مەدەنىيەت ساھەلىرىدە دەرس ئۆتىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.