ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى كۈرىشىنى خەلقئارا - قانۇن نىزاملار ئاساسىدا قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە، " ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىسى" نامىدا مەخسۇس كۇرس ئۇيۇشتۇرۇپ، مەزكۈر پروگراممىنى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان يولغا قويۇشقا باشلىدى. تۇنجى قېتىملىق كۇرس گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرى ۋە بېلگىيىنىڭ برۇسسېل شەھرىدىكى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كۇرسقا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشقان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2 - قېتىملىق كۇرسنى بۇ يىل 4 - ئايدا ئېچىشنى قارار قىلدى ۋە ھەر بىر دۆلەتتىن بىردىن - ئىككىگىچە ۋەكىل قاتناشتۇرۇشنى پىلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ يىللىق كۇرس ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.