0:00 / 0:00
يېقىندا كانادانىڭ باش مىنىستىرى ستېپان خارپېر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سالىمىنى يەتكۈزگەن.
بىز مەمەت توختىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ستېپان خارپېر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق.