د ئۇ ق مۇراجەت ئېلان قىلىپ قولغا ئېلىنغان فوتوگراف مەمەت تۇرغۇن ئابدۇللانىڭ ئىز ‏- دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تور قوللىنىدىغان، توردا ماقالە ئېلان قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ - كۆلەملىك تەكشۈرۈپ، شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە تەنقىدى پىكىر يازغان نۇرغۇن تور قوللانغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﮔﯘﺍﯕﺪﻭﯓ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ، ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﮔﯘﺍﯕﺪﻭﯓ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ، ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

شۇ مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز ‏ - دېرىكى يوق بولۇپ، بۇ خىل ئاقىۋەتكە ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ بىرى فوتوگرافچى مۇھەممەت تۇرغۇن ئابدۇللادۇر.

مۇھەممەت تۇرغۇن ئابدۇللا قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىكى بىر رەسىمخانىنىڭ فوتوگرافچىسى بولۇپ، ئۇ 2009 ‏ - يىلى"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن يېڭىسار ناھىيىلىك ج خ دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۇرتىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى 26‏ - ئىيۇن "شاۋگۈەن ۋەقەسى" بىلەن "5‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ئارىلىقىدا توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، "كىشىلەرنىڭ باراۋەرلىككە ئېھتىياجى بارلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدۇر. ئۇ ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان "ھەر بىر كىشىنىڭ باراۋەرلىككە ئېھتىياجى بار" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە دائىرىلەرنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، "ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر" دېگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇھەممەت تۇرغۇننىڭ ئىز ‏- دېرىكى ۋە ئاقىۋىتىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس بولۇپ، دائىرىلەر ئائىلىسىكىلەرگە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، قانائەتلىنەرلىك ئىزاھات بەرمىگەن.

يېڭىسار ناھىيىسىدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ۋە ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى سوئاللىمىزغا بەرگەن جاۋابى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ، بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتۇر. مەزكۇر ناھىيىدىكى ج خ ئىدارىسى ۋە ساقچىخانىلار بۇ ۋەقەدىن "خەۋەرسىز" بولسىمۇ، لېكىن ناھىيىلىك پارتكوم بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. يېڭىسار ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مەزكۇر ناھىيىدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا تارقىتىدىغان "كادىرلار مۇقىملىقنى ساقلاش فرونتى" مەجمۇئەسىدە مۇھەممەت تۇرغۇن ئابدۇللانىڭ مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ "مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ماقالە ئېلان قىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇھەممەت تۇرغۇننىڭ قولغا ئېلىنىشىنى پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ تەنقىدلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن مۇھەممەت تۇرغۇننىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن يېڭىساردا زادى قانچىلىك كىشىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشقا چېتىلىپ قېلىش، توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلىش ياكى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ئەتىسى قەشقەردە يۈز بەرگەن نامايىشقا قاتنىشىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن مۇھەممەت تۇرغۇننىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن يېڭىساردا قولغا ئېلىنغان بىردىن - بىر كىشى ئەمەسلىكى ئېنىقتۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھەممەت تۇرغۇن قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ 6‏ - چىسلا قەشقەردىكى نامايىشقا قاتناشقان 3 دوستىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن بېرى، ئۇلارنىڭ ئىز ‏ - دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىر قىسىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى دىققەت نەزىرى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئىز ‏ - دېرىكى يوق ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى توسۇۋېتىشى، چەتئەللىكلەرنىڭ رايونغا كىرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىشى قاتارلىق توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن. شۇڭا ئۈيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېنىقلاش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىۋاتقان مەسىلە ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى دوكتور رىچاردسون خانىم رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ رايونغا كىرىپ، ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تەكشۈرۈشىگە، ۋەقەدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن بىلىشىمىزگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز" دېگەن ئىدى.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەيلى غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەر ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلار ، مەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بولسۇن، ئۇيغۇر ئېلىگە خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ‏"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش توغرىسىدىكى تەلەپ ۋە چاقىرىقلىرىنى قوبۇل قىلمىدى.

مۇھەممەت تۇرغۇننىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە قانداق جازاغا تارتىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى مەكىتكە يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت