د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە جەنۋەدە نامايىش ئېلىپ باردى
2007.09.25
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھرىدە باشلاندى. بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى رىياسەتچىلىكىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر يىلى چىقىرىلىۋاتقان يىغىنلىرىغا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئىزچىل قاتنىشىپ كەلمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمىغا ئائىت يىللىق ماتېرىياللارنى يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلىپ، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىماقتا ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئارقىلىق، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە د ئۇ ق نىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەم شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراكىدا جەنۋەنىڭ شەھەر مەركىزىدە كوچا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى خىزمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىنغان.( ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېرمىدىكى بۇددا راھىپلىرى نامايىشتا ئەركىنلىك مارشى ئېيتتى
- 'شىنجاڭ' ساقچى-ئەدلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى
- خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ "ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى" گە چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
- نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نوبىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قولدىن كەتكەن ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇۋالدى
- ئاۋسترالىيىدە كۆپ تەشكىلات بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلدى
- يوپۇرغىنىڭ ئېشەك بازىسىغا ئايلىنىشى يەرلىك دېھقانلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟
- بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى
- تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تانەر يىلدىز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- د ئۇ ق ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى