دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر ھەققىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
2007.01.08

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ "ئانىسى" دەپ ئاتاشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان "جۇڭگو خەۋەر ئاگېنتلىقى" نىڭ تور بېتىدە (www.sina.com) ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، نۇر بەكرى چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رابىيە قادىرنى "ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى" دەپ ئاتىشىغا رەددىيە بېرىپ، "بۇ بىمەنىلىك" دەپ كۆرسەتكەن.
نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە چەت’ تەل مەنتبۇئاتلىرىنىڭ رابىيە قادىرنى "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى" دەپ تەرىپلىشىگە نىسبەتەن تۇنجى قېتىم رەسمىي رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا نۇر بەكرىگە رەددىيە بېرىپ، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى ۋە مەنىۋى ئانىسى ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن ھېچ قاچان يانمايدىغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى دەپ ئاتاشنى رەسمىي قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت بولسا، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىلى ئىكەنلىكى، ئەمما نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالامايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان "گۇماشتىسى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك "نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قاراتقان ھۇجۇمى ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ ئانىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلقئارا سەھنىدە كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقىغا چىدىماي قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تونۇشتۇرغان، تېخى يېقىندا كانادانى زىيارەت قىلغاندا كانادا باش مىنىستىرى ستېپان خارپەر بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. رابىيە قادىرنىڭ پىداكارلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جامائىتى ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىردەك ھالدا ئۇنى "مەنىۋى ئانا" دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان.
رابىيە قادىر نۇر بەكرىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ ئانىسى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت ئازادلىققا ئىنتىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆز پەرزەنتلىرى مىللەت سۆيەر، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر قىلىپ تەربىيىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، نۇر بەكرىنىڭ "رابىيە ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر قانچە بالىلىرىنىمۇ ياخشى تەربىيەلەلمىگەن ئادەم، قانداق قىلىپ، نەچچە مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئانىسى بولالىسۇن؟" دېگەن سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نۇر بەكرى رابىيە قادىرنى ئەيىبلىدى
- نۇر بەكرى "مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمىز"، دېدى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومېتىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
- رافتو فوندى جەمئىيىتى ئالىم ئابدۇرېھىمغا جازا ھوكۇم قىلىنىشىغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئۈستىدىن چىقارغان سوت ھۆكۈمى ھەققىدە قاتتىق ئەيىبلىدى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى
- خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
- نۇر بەكرى: قوش تىللىق مائارىپنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىلگىرى سۈرىمىز