قازاقىستاندىكى زىيالىيلار ئۇيغۇر داۋاسى مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلماقتا

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر داۋاسى دۇنيا مىقياسىدا كۆتۈرۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.03.31
qehriman-ghojambersi-305.jpg ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺋﻮﯕﺪﺍ) 2009-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ
RFA

بۇ نەتىجىلەر ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتىكەن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بولغان كۈرىشىنىڭ قايسى يولدا ۋە قانداق مەزمۇندا داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل پىكىر-قاراشلار شەكىللەنگەن.

مانا شۇ مەزمۇندىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.