د ئۇ ق گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇپ ئالدى


2006.07.05

6 – ئاي ئىچىدە، د ئۇ ق گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسى توغرۇلۇق گېرمانىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە مىنىستىرلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددى ھەم ئىجابىي كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

د ئۇ ق يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىقىدىن، باۋارىيە پارلامېنتىدىكى ھۆكۈمەت رەھبىرى كلوتز ئەپەندىدىن، فېدېرال ھۆكۈمەت مۇھاجىرلار ئورگىنىنىڭ مەس`ئۇلى گۆسمان ئەپەندىدىن ۋە باۋارىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دوكتور Günther Beckstein ئەپەندىلەردىن جاۋاپ خەتلىرى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ خەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئىجابىي مەزمۇنلار ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، د ئۇ ق ئىلتىماسىغا جىددى قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرىدە يېقىن كەلگۈسىدە ياخشى ئۆزگۈرۈشلەر بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.