د ئۇ ق قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا ھەرىكەت قوللانماقتا


2006.06.01
erkin-aliptekin.jpg
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن

د ئۇ ق قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكنى مۇناسىۋىتى بىلەن، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت قوزغاشقا ھازىرلىق قىلماقتا.

د ئۇ ق نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن يۈسۈپقادىر سىدىق ۋە ئابد ئۇ قادىر توختىلارنىڭ ھاياتى ئۆلۈم تەھدىتى ئاستىدا قالغان بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان بۇ قېتىمقى خىيانىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى 1997 – يىلى خەمىت مۇھەممەد قاتارلىق ئۈچ ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغان. خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

د ئۇ ق بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاننىڭ گېرمانىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ۋە ئەلچىخانا ئارقىلىق قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق مەكتۇبى يوللىغان بولۇپ، باش ئەلچى بىلەن جىددى كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا مىقياسىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئومۇمى ھەرىكەت قوزغىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۆز قېرىنداشلىرىغا قىلىنغان خىيانەت

د ئۇ ق نىڭ قازاقىستان باش ئەلچىسىگە يوللىغان مەكتۇبىدا، قازاقىستان خەلقىنىڭ رۇس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىشغالىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بىر دۆلەتلىك شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكى يالغۇز قازاق خەلقىنىلا ئەمەس، قازاقىستاندىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىدا بىھېساب بەدەللەر تۆلەپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىمۇ ئىپتىخارلاندۇرغانلىقىنى، قازاقىستاننىڭ ئەركىن، دېموكراتىك بىر دۆلەتلىك نوپۇزى بىلەن دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ھاياتى خەۋپكە يولۇققاندا قازاقىستاندا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنى تۇتۇپ قاماش ۋە ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلاردىن قولىنى ئۈزمەسلىكى، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، قازاقىستان دۆلىتىنىڭ سىياسىي شەرىپى ئۈچۈنمۇ بىر نومۇس ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا قىلغان زور خىيانەت بولۇپ ھېساپلىنىدىغانلىقى شەرھىلەن`گەن.

د ئۇ ق نىڭ بۇ مەكتۇبىدا، ئەينەن ھالدا مۇنداق سۆزلەر يەر ئالغان: قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاق خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان، دىن قېرىنداشلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان، زەمىن قوشنىدارچىلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى باياننامىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدى.

قازاقىستان ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك

تېخىمۇ مۇھىمى، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ۋەتىنى ساناپ ياشاۋاتقان مىليون نوپۇسقا ئىگە قازاق خەلقى بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك ئىدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىشلىرى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە قازاقىستان دۆلىتىنىڭ شەرىپىنى سۇندۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ ۋە نەپرەتلىرىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. مۇقەررەكى، قازاقىستان دۆلىتى پەيدا قىلغان بۇ جاراھەت، كېلىچەكتىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى بىلەن قازاقىستان دۆلىتىنىڭ دېپلوماتىك سورۇنىدا ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ مەكتۇپ: "قازاقىستان دۆلىتىنىڭ بۇ قەتىمقى ئىنسانىيەتسىز قىلمىشىغا قارىتا بىزنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە قوزغايدىغان ھەرىكەتلىرىمىزنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەزەپلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ چۈشىنىشكە ۋە ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ بىرى دەپ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر"، دېگەندەك قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى پات ئارىدا ياۋروپادا بىر ھەرىكەت قوزغىماقچى بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يالغۇز ياۋروپادىلا ئەمەس، مەركىزى ئاسىيا ئەللىرىگىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.