دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى
2006.11.24
د ئۇ ق نىڭ 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۈگۈن - 2006 – يىلى 11 –ئاينىڭ 24 – كۈنى كەچ سائەت 19:00 بىلەن، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئەدەن مېھمانخانىسىنىڭ ياۋروپا زالىدا داغدۇغىلىق باشلاندى.
يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى
قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، فرانسىيە، شۋېتسارىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە، ئەنگىلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، گېرمانىيە فەدەرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى، باۋارىيە شتاتىنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە پارتىيە ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، گېرمانىيە مەتبۇئات ساھەسىنىڭ خادىملىرى ھەمدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.
ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى شۇنداقلا، گېرمانىيىدىكى تۈرك، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى.
يىغىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى "ئالىپتېكىن تەلىم – تەربىيە مەركىزى" ئوقۇغۇچىلىرى ئىجراسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىقلال مارشى ۋە گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە باشلاندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۇنجى بولۇپ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا داخىل بولغان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى، گېرمانىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، شەرەپ مېھمانلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ سورۇنغا باسقان قەدەملىرى ئۈچۈن د ئۇ ق نامىدىن قۇتلۇقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى شەرھلەندى
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆز نۇتىقىدا، د ئۇ ق نىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەقەززا قىلغان ئامىللار، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەكلىپكە بىنائەن سۆز ئېلىپ، د ئۇ ق نىڭ 2-نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتىيىغا نۇسرەتلەر تىلىدى ۋە د ئۇ ق نىڭ ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ياراتقان نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىغا ئاپىرىن ئېيتتى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتىقىدىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ پەخرى رەئىسى مۇھەممەد رىزابېكىن، „چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى" نىڭ باش كاتىپى Sophia Freitas خانىم، "خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى" نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى Ulrich Délius ئەپەندى، "ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى" نىڭ باش كاتىپى Marino Basduchen ئەپەندى، ئىسرائىلىيە ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Yitzhak Sicor ئەپەندى، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، ئادۋۇكات Albéricht Göring قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە خىتاينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇملىرىغا دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا شەرھىلەپ ئۆتتى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ، ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەتلەر قىلىشتى.
ئۇيغۇر مۇكاپاتى تارقىتىلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەس`ئۇللىرىنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا "ئۇيغۇر مۇكاپاتى" تەقدىم قىلىپ، مۇراسىم ئەھلىنىڭ قەلبىدە زور ھاياجان پەيدا قىلدى. يىغىن ئەھلى كۈچلۈك ئالقىش سادالىرى ياغدۇردى.
„ئۇيغۇر مۇكاپاتى" مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر سەن`ئەتكارلار قاتارلىقلار ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، يىغىن زالىنى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈردى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 11 – ئاينىڭ 25 – 27 – كۈنلىرى، 15 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ستراتېگىيىلىرى، پىلان – پروگراممىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن ۋە زۆرۈر قارارلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا يەنە، د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلىدىكەن. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيىدە
- ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قىسقىچە نەزەر
- د ئۇ ق 2 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئاخبارات باياننامىسى ئېلان قىلدى
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چەتئەللەردىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەنقەرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى
- د ئۇ ق ۋەكىلى 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا
- د ئۇ ق نىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى خادىملىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىنكاسى
- د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى خەلقئارالىق ئۈچ يىغىنغا قاتناشتى
- ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- د ئۇ ق قازاقىستاننىڭ گېرمانىيىدىكى ئەلچىخانىسى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن