د ئۇ ق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى تەسىراتلىرى (1)

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇماتلار يەتكۈزگىنىمىزدىكىدەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 21 دۆلەتتىن كەلگەن، جەمئىي 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل پايتەخت ۋاشىنگىتونغا يىغىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى 26 - ماي كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.05.27
Congress-Duq-3-qurultay-305 ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ 3 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

بۇ جەرياندا بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان بىر قانچە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى پايتەخت ۋاشىنگىتوندىكى پائالىيەتلەردىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە زىيارەت قىلغان ئىدۇق. نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ ھەقتىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئاڭلىتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بايانىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئالىي تەشكىلىي ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، مەيلى كۆلىمى، دائىرىسى ۋە ياكى تەسىرى جەھەتتىن بولسۇن، ئىلگىرىكى قۇرۇلتاي يىغىلىشلىرىغا قارىغاندا ئىنتايىن مۇكەممەل، سىستېمىلىق بۈيۈك يىغىلىش ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر قۇرۇلتاي ھەققىدە قىلغان خۇلاسە سۆزىنى نەقىل ئالغاندا، "بۇ قېتىم دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزى ھېسابلانغان ۋاشىنگىتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىنتايىن نەتىجىلىك بولدى، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدە ياشلىشىش، سەرخىللىشىش، ئۇنىۋېرساللىشىش بولغانلىقى ئېنىق. يەنى قۇرۇلتايدىكى ھەر قايسى ۋەزىپىلەرگە كۆرسىتىلگەن ھەم سايلانغانلارنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ نىسبىتى ئاشقان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈرلۈك ساھە ھەم كەسپلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىساسلىق ئاكتىپ پائالىيەتچان زىيالىيلار كۆپەيگەن،ئايال ۋەكىللەرنىڭمۇ سانىدا خېلى ئىلگىرىلەش بولغان، سايلام تەرتىپىدىن بارلىق ۋەكىللەرنىڭ دېموكراتىيە ئېڭىنىڭ مۇكەممەللەشكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ...."

دېگەندەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېينىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىدا، ئۆزىنى ۋەزىپىلەرگە نامزات كۆرسەتكەن ھەم سايلانغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىچىدە يىللاردىن بۇيان بۇ سەپتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەجرىبىلىك تەشكىلاتچىلىرىدىن باشقا، ئىلمىي كەسپلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق ئالىم، ۋە مۇتەخەسسىسلەرمۇ بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋاسى ئۈچۈن يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش، دېموكراتىيىنى بەرپا قىلىش ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھىجرەتتىكى بۇ سىياسىي تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشى ھەم مۇھىم روللار ئويناۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرمەكتە ئىكەن.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەتتىكى بۇ بۈيۈك سىياسىي تەشكىلاتىدا يېڭىدىن ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇۋالغان ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن قۇتلۇق ئالماس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئۇ ئۇيغۇر داڭلىق يازغۇچىسى، تارىخچىسى شۇنداقلا مىللىي ئىنقىلابچىسى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى سېپىگە رەسمىي قېتىلغانلىقىنى، مەرھۇم ئاتىسىنىڭ روھىنىڭمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىدىن گۇمانى يوقلۇقىنى ئىپادىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىي جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىي مىراسلىرىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئاراغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىدىن ئىزىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىدەك سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنى پائالىيەت كاتوگىرىيىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، مەخسۇس مەدەنىيەت كومىتېتى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا مەزكۇر كومىتېت مۇدىرلىقىغا سايلانغان، تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ھەم تارىخىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېخىمۇ ئۇيغۇر كۆپ ئاياللىرىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەكىلى رىسالەت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئاياللارنىڭمۇ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلغان 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەت خاتىرىسى بىلەن تونۇشتىڭلار، ئاخىرىنى كېلەركى قېتىملىق پروگراممىمىزدا داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.