د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
2006.09.12

9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمغا ئوچۇق خەت يوللاپ "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۆرىشىنىڭ بايراقدارى بولغان مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە زور ھادىسە." دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ ئوچۇق خەتتە، "رابىيە خانىمنىڭ 2006 - يىللىق نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور ئۇتۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە كۈرىشىنىڭ دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن قانۇنىي رەۋىشتە تونۇلغانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى. شۇنداقلا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خىتايلار تەرىپلىگەندەك قانداقتۇر تېررور ۋە باشقا زوراۋانلىق بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ھەقلىق بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئىرادىسىنىڭ خەلق`ئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى!" دەپ يېزىلغان.
مەزكۇر ئوچۇق خەتتە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ خەلق`ئارا سىياسەتنىڭ كۈن تەرتىبىگە ئېلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ۋە ئەبەدىل ئارمانى بولغان ھۆرلۈك ئىرادىسىنىڭ قانۇنلاشقانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلق`ئارا بىر دەۋاغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا، رابىيە خانىمنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي پىداكارلىقلارغا كۆكرەك كېرىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بۇ ئوچۇق خەتنىڭ داۋامىدا يەنە "بۇگۈن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا 200گە يېقىن دۆلەت ئەزا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قارمىغىدا 6500 مىللەت ياشايدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، بۇ مىللەتلەرمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇ 6500 مىللەت ۋەكىللىرى ئىچىدە رابىيە خانىمنىڭ 2006 - يىللىق نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشىنىڭ ئۆزى، زور بىر مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ." دېيىلگەن.
د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، بۇ ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دېگەن: "رابىيە خانىمنىڭ 2006 - يىللىق نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى غەيرى ئىنسانىي سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان، ئەزىز مىللىتىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە "تەررورىست" دەپ تونۇشتۇرۇشقا تېرىشىۋاتقان ۋە رابىيە خانىمنىڭ ئانا ۋەتەندىكى بالا-چاقا ھەم ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىغا ھەر تۈرلۈك زۇلۇمنى راۋا كۆرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ". (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولدى
- د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چەتئەللەردىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەنقەرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى
- د ئۇ ق ۋەكىلى 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا
- د ئۇ ق نىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى خادىملىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىنكاسى
- د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى خەلقئارالىق ئۈچ يىغىنغا قاتناشتى
- ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- د ئۇ ق قازاقىستاننىڭ گېرمانىيىدىكى ئەلچىخانىسى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن