د ئۇ ق تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى رىغبەتلەندۈرمەكتە


2006.10.13

ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2006 – يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق 10 - ئاينىڭ 12 – كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنى "ئۇيغۇر مۇكاپاتى" بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان بۇ چاقىرىقتا "رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل مەيلى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشسۇن ياكى ئەرىشمىسۇن، ئۇنىڭ 2006 – يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئىچىدىكى ئۈچ مۇھىم شەخسنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى، بۇ مۇكاپاتقا ھامان مۇتلەق رەۋىشتە ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ۋە بۇ ساھەدە غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ" دېيىلگەن ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنى "ئۇيغۇر مۇكاپاتى" كامپانىيىسىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇشقا چاقىرغان ئىدى.

بۈگۈن 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمغا قارىتا يەنە بىر ھەت ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمغا بولغان تەسەللى ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ 13 – ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان خېتىدە "مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەركىن دۇنياغا قەدەم باسقىنىغا ئىككى يىل بولمايلا، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قانۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ، 190 دىن ئارتۇق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئارىسىدىكى ئالدىنقى ئۈچ كىشىنىڭ بىرى بولۇشتەك زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ھامان رابىيە قادىر خانىمغا مەنسۇپلىقىنى ئىسپاتلايدۇ" دېيىلگەن، شۇنداقلا "مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان بولسا، بېشىمىز كۆككە يەتكەن بولار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن مەھرۇم قېلىشى ئەلۋەتتە، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى ئالدىمىزدىكى يىللىرى مۇتلەق رەۋىشتە بۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بىر دەلىلىدۇر!" دەپ يېزىلغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.