0:00 / 0:00
رامىزان ئېيىدا باشلانغاندىن بۇيان، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتارلىق داستىخانلىرى ھازىرلاپ، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجىللىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى دېگۈدەك توپلىشىپ ئىپتار قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رامىزان جەريانىدا بىرقانچە قېتىم ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر، تۈرك، كۇرد، ئەرەپ ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ۋە تەشكىلاتلارنى ئىپتارغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.