0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ مىيونخىن شەھرىدە 24 - نويابىردىن باشلاپ تۆت كۈن داۋام قىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى شۇنداقلا قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.بۇ ئۇيغۇرلاردا ھاياجان ھەمدە يېڭى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ياندۇردى.
قۇرۇلتاي جەريانى ھەمدە ئەركىن ئالىپتېكىن، رابىيە قادىر خانىملارنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بايانلىرىنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.