0:00 / 0:00
19-ماي كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ شۆبىسى قۇرۇلۇپ، كۈرەش ئاتاخان رەئىسلىككە سايلاندى.
مەزكۇر تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، قۇرۇلتاي باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس قاتارلىقلار قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.