دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئىتى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى
2008.01.08
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرغۇچى ئەزالىرى مەسئۇلى ئابلىكىم ھاجىم قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتى بىناسىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، سابىق پارلامېنت باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى بۇلەنت ئارىنچ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئىككى كۈندىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئىتىدىكى كىشىلەر بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى، 2008- يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر باشلانغۇچ بولغانلىقىنى ئېيتىشتى.
ئابلىكىم ھاجى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ئۇچرىشىشلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا يالغۇز ئەمەسلىكىنى، بۇ ھەقلىق داۋانىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئەتلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا
- تۈركىيە ۋەتەندېشى بولۇش ئاسانلاشتى
- تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى
- ئىستانبۇلدا يېڭى يىل خاتىرىلەندى
- ئۇيغۇرلار 2008 - يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە
- تۈرك مەتبۇئاتىدا خىتاي ھەققىدە مۇنازىرە
- تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى تۈزۈلمەكچى
- ئىستانبۇلنىڭ جاۋاھېر مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى
- تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- قەيسەرى ۋالىسىنىڭ خوشلىشىش زىياپىتىگە د ئۇ ق مەسئۇللىرى قاتناشتى