ئۇيغۇر داۋاسىغا تۆھپە قوشقانلار د ئۇ ق تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى
2008.01.31

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيىدىكى پائالىيەتلەر بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە 2001 - يىلى شۆبىسىنى ئاچقاندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم كۈنلەردە خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە، شۇنداقلا ئەنقەرەدە ھەرخىل يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلماقتا.
بۇ پائالىيەتلەرگە تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىپ كەلمەكتە. بۇ كىشىلەرگە رەخمەت ئېيتىش شۇنداقلا ئەنقەرەدىكى شۆبە تەشكىلات ئېچىلغانلىقىنىڭ 6 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، ئەنقەرە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۇيغۇر داۋاسىغا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ مۇراسىمغا تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، كونا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىنى قىلدى. كېيىن 2001 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۆھپە قوشقان 7 كىشىگە مېدال بېرىلدى. بۇلار سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنچۇ، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى بىرجان ئاقيىلدىز ئەپەندى، تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتى باشلىقى فىلىز ئاۋشار خانىم، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكى مەسئۇلى ئەھمەت ئاقسۇ، ئۇيغۇر دوستى ئالى مېتىن ئەپەندى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسى.

كېيىن ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى يىغىندا ئېچىلىش نۇتقىنى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:"بۈگۈنكى يىغىنىمىزغا جەمئىيىتىمىزنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى كەلمەكچى ئىدى. ئەپسۇسكى قار يېغىپ قەيسەرى ئەنقەرە يولى ئېتىلىپ قالغاچقا كېلەلمىدى، ھەممىڭلارغا سالام يوللىدى. ھەممىڭلارغا مەلۇم ئەنقەرەدە تەشكىلاتىمىزنىڭ شۆبىسى ئېچىلغاندىن تارتىپ، سىلەر بىزگە ياردەم قىلدىڭلار، بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدىڭلار. بىز سىلەر بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە جەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھېس قىلىمىز. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بەزى مۇھىم كۈنلەردە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ پائالىيەتلىرىمىزگە سىلەر ئاكتىپچانلىق بىلەن قاتنىشىپ بىزگە ياردەم قىلدىڭلار. ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر شەكىلدە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بىز د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە جەمىيىتىمىز سىلەرگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق، بۇ مېدال پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆڭلىدۇر."
كېيىن مېدال تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى. بىرىنچى بولۇپ مۇكاپات، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قۋۇنچۇ ئەپەندىگە بېرىلدى. ئۇ مېدالنى ئالغاندىن كېيىن ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:"تۈرك دۇنياسىدىكى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن يەرلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندۇر. ئەمما 20 - 30 يىل بۇرۇن تۈركىيىدە نۇرغۇن ئىنسانلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئەمما بۇ ھەقىقەتكە ئايلاندى. مەنچە شەرقىي تۈركىستانمۇ مۇستەقىل بولىدۇ، خىتاينىڭ زۇلۇمىمۇ تۈگەيدۇ. بىز سىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى داۋام قىلىمىز."
كېيىن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى بىرجان ئاقيىلدىز ئەپەندىگە مۇكاپات بېرىلدى. ئۇ ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:"مەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بەلكى بىر ئىككىسىگە قاتنىشالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسىگە قاتناشتىم. مەن بۇ پائالىيەتلەردە ئىزچىل ھالدا بىر كۈن ئەمەس بىر كۈن شەرقىي تۈركىستان چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ دەپ كەلدىم. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى چوقۇم كۆرەلەيمىز. بىزنىڭ كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىزنىكى كۆك يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگى، قاچان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولسا ئىزنىكىمىزنىڭ رەڭگىنى تۈرك بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان قىزىلغا ئۆزگەرتىمىز."
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى ۋە ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالى مېتىن ئەپەندىگە مۇكاپات بېرىلگەندىن كېيىن، تۈرك ئوجاقلىرى ئاياللار كومىتېتى باشلىقى فىلىز ئاۋشار خانىمغا مېدالى بېرىلدى. ئۇ مېدالنى ئالغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:"بۇ مېدالنى بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ سۆزىگە قېتىلىمەن. ئەمما شۇنى قوشۇپ قويماقچىمەنكى، رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكىدىمۇ راھەت ياشىغىلى قويمايۋاتىدۇ، ھەتتا خىتايلار ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قەست قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن، سىلەرنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا شۇ گېپىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، تۈركىيىدە 70 مىليون ئىنسان بار، بۇنىڭ 35 مىليونى ئايال. بۇ ئاياللارنىڭ ئەڭ ئاز 30 مىليونى رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن ئىشلەشكە تەييار، بىز تۈرك ئاياللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز." (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟
- ئۆكتىچى پارتىيە مۇئاۋىن مەسئۇلى د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى
- د ۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى بىلەن كۆرۈشتى
- د ئۇ ق ھەيئىتىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي رەھبەرلىرىدىن بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئىتى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئەتلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا
- تۈركىيە ۋەتەندېشى بولۇش ئاسانلاشتى
- تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى
- ئىستانبۇلدا يېڭى يىل خاتىرىلەندى
- رابىيە قادىر: "2007 - يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نەتىجىلىك يىل"
- ئۇيغۇرلار 2008 - يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە
- تۈرك مەتبۇئاتىدا خىتاي ھەققىدە مۇنازىرە
- تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى تۈزۈلمەكچى
- ئىستانبۇلنىڭ جاۋاھېر مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى