دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا(2)

ئالدىنقى پروگراممىمىزدا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.03.21
seyit-tumturk-doklat-305.jpg چورۇمدا «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات يىغىنىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سوز قىلدى. 2011-يىلى 15-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر ئىككى مېھمان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە، مەدىنە ۋە جىددە شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇپ سەمىمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.

بۇ ئارىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى سۆھبىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە قۇرۇلتاي ھەققىدە ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «دۈشەنبىلىك ئولتۇرۇشى»دىن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن كۆپ تەسىرات ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.