دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2006.09.05
wenjiabao-german-150.jpg
2006 – يىلى 22 – ماي كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خەلق سارىيىدا خىتاينى زىيارەت قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېل ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىرى (رەسىمدە يوق) بىلەن ئېچىلغان يىغىندا. AFP

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ كېلەر ھەپتە گېرمانىيە قاتارلىق ئۈچ ياۋروپا دۆلىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوشنىسى تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، گېرمانىيىدە باش مىنىستىر ئانگېلا ماركېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ۋە 13 - سېنتەبىر كۈنى ھامبۇرگدا خىتاي-ياۋروپا سودا ساھەسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ماركېلنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىخ ۋېلھېلمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋېن جياباۋ 14 - سېنتەبىر كۈنى ئانگېلا ماركېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن سىرت، گېرمانىيە پرېزىدېنتى خورست كوخلېر ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى مايكېل گلوسلار بىلەن ئۇچرۇشىدىكەن. تەرەپلەر ھازىرغىچە فىنلاندىيە ۋە گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ كونكرېت تېمىسىنى ئاشكارىلىمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاساسلىق تېما ئەمەس

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي - گېرمانىيە ۋە ياۋروپا باشلىقلار سۆھبىتىدە ھەر يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى خىتاي - ياۋروپا يىغىنى ۋە گېرمانىيە - خىتاي باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىسىنى سودا ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر ئىگىللەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. ۋېن جايباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ئۇنىڭ 9 - سېنتەبىردىن -16 سېنتەبىرگىچە فىنلاندىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە تاجىكىستانلاردا ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن فىنلاندىيىدە 9 - نۆۋەتلىك خىتاي - ياۋروپا سۆھبىتى ۋە 6 - نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى شىددەتلىك تەنقىدكە ئۇچراۋاتسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى فىنلاندىيە ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ خىتاي - ياۋروپا سۆھبىتىدە كۈنتەرتىپتىكى ئەڭ تۈپ مەسىلە ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فىنلاندىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى ئانتتى كوسمانەن خېلسىنكى يىغىنى ھارپىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، " كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ نازۇك ۋە سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇشىمىز كېرەك، " دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، "يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز مۇمكىن، بىراق بۇ تېما يىغىندىكى تۈپ مەسىلە، دەپ قارالماسلىقى كېرەك، " دەيدۇ.

د ئۇ ق گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان

مەركىزى ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ۋېن جايباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى گېرمانىيىلىكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققىتىنى تارتىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى، دەپ قارىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋتى بىلەن باش مىنىستىر ئانگېلا ماركېلغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ياتىدىغان بەزى كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋېن جياباۋغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى بۇ يىل 6 - ئايدا قولغا ئالغاندىن كېيىن رەسمىي ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سوتىنى ئۆتكەن ئايدا مۇددەتسىز كېچىكتۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 72 نەپەر ئەزاسى 8 - ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن ئىدى.

سۆھبەتتە سودا مەسىلىسى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ

فىنلاندىيە باش ئەلچىسى كوسمانەن، " بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالمايدىغان، نەتىجىلىك بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئورتاق يولىنى تېپىشىمىز كېرەك، " دەيدۇ. ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېموكراتىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتايدا "يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمەتلەرنى بىۋاستە سايلاپ چىقىشنىڭ شەرت - شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، " دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2005 - يىلدىكى ئومۇمى سودا ھەجىمى 158 مىليارد ياۋرو بولۇپ، بۇنىڭ 52 مىليارد ياۋروسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئىگىلىگەن. گېرمانىيە بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەجىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ماركېل بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى، خىتاي پۇلىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە خىتايدا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە - خوللىۋۇد فىلىملىرىنى كۆچۈرۈشتىن تارتىپ، چامادان لاھىيىلەشكىچە بولغان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش مەسىلىسىگە مەركەزلىشىشى مۇمكىن.

ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا خىتاينى ئاقلاپ، "گەرچە جوڭگو ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ۋە تاۋار ماركىسىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن تۇرغۇزغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ، " دەپ كۆرسەتتى. فىنلاندىيە باش ئەلچىسى كوسمانەن، خىتاي - ياۋروپا سۆھبىتى ئېنېرگىيە، مۇھىت، قانۇنسىز كۆچمەنلەر، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقدىكى دۆلەتلەرنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلە سۆھبەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلار قاتارىغا كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خېلسىنكىي يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاش يولىدا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.