د ئۇ ق خەۋەرنامىسى نەشىردىن چىقماقتا

بۇ يىل 9 - ئايدىن باشلاپ د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيىدىكى باش شىتابى تەرىپىدىن قەرەلسىز نەشىر قىلىنىۋاتقان "خەۋەرنامە" نىڭ 2 - قىسمى 9 - ئاينىڭ 14 -كۈنى تارقىتىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.09.16
DUQ-Xewername-nusxisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 3 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﺎﻣﻪ" ﻧﯩﯔ 1 - ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Ekrem

"خەۋەرنامە" نىڭ 1 - قىسمى، 3 - سېنتەبىر كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 17 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ۋە باشقا سىياسىي يىغىلىشلار توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن ئىدى.
 
"خەۋەرنامە" نىڭ 2 - قىسمىدا بولسا، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مۇخبىرلار ۋە تور بەت مەسئۇللىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىشتەك ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى ۋە قاماق جازالىرى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
 
ئىنگلىزچە ۋە نېمىسچە تىللاردا نەشىر قىلىنىۋاتقان بۇ خەۋەرنامىنىڭ 2 - قىسمىنىڭ ئاخىرىغا، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار ۋە ئۇچۇرلارغا ئائىت قانچە ئونلىغان توربەت، گېزىت - ژۇرنال ئادرېسلىرى قوشۇپ بېرىلگەن.
 
د ئۇ ق باش شىتابىغا يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن، مەزكۇر خەۋەرنامىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان گېرمانىيىلىك زىيالىي جانا براندت خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خەۋەرنامىدا ئاساسلىق ھالدا د ئۇ ق نىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار، د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارغۇسى پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، مەزكۇر خەۋەرنامىنى ھەر ئايدا بىر سان نەشىر قىلىدىغانلىقى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى د ئۇ ق بىلەن ئالاقىسى بولغان ئورگانلار ھەم شەخسلەرگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خەۋەرنامىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ب د ت ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا قەدەر يوللىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىققانلىكى كىشىلەرگە ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
 
مەزكۇر خەۋەرنامىنى ئىشلەۋاتقان د ئۇ ق خىزمەتچىسى جانا براندت خانىم، خەۋەرنامىنىڭ دەسلەپكى ئىككى نۇسخىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلەنگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
 
خەۋەرنامە كۆپ خىل تېمىلار ئاستىدا سۈرەتلىك مەزمۇنلار ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيىتىگە ئائىت دەلىل - ئىسپاتلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغاندىن سىرت، چەتئەل قەلەمكەشلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە ماقالىلارنىڭ ئادرېسلىرىنىمۇ تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ سەۋەبلىك، مەزكۇر خەۋەرنامە يېقىن كەلگۈسىدە د ئۇ ق نىڭ ئەڭ ياخشى بىر تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.