د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت شىنجاڭ نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

خىتايدا يىلدا بىر ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى بۈگۈن 3 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جاچىڭلىن بۇ يىغىننى 'جۇڭگو ئۈچۈن تۆھپە يارىتىدىغان يىغىن' دەپ ئاتىدى. 'خىتاينىڭ خەلق گېزىتى' ئوبزور ئېلان قىلىپ، بۇ يىغىن ئوچۇق -ئاشكارا يىغىن بولىدۇ، يىغىندا 30 يىللىق ئىسلاھات نەتىجىلىرى خاتىرىلىنىدۇ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدىكى مەمۇرى ئىسلاھات لايىھىسى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ ۋە يېڭى رەھبەرلەر سايلاپ چىقىلىدۇ، دەپ بايان قىلدى.

جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش' دېگەن نام بىلەن بىر مىليون ئادەم بۇ ئىككى يىغىننى قوغداشقا تەشكىللەنگەن

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا 'بۇ يىغىندا سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھات، ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مۇھىتنى ئاسراش، مال باھاسى، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساغلاملىق مەسىلىلىرى بۇيىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ' دەپ بايان قىلىندى. ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىننى قوغداش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ 200 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى جايلاردا ساقچى، قوراللىق ساقچى قىسىم، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملاردىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 'جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش' دېگەن نام بىلەن بىر مىليون ئادەمنى بۇ ئىككى يىغىننى قوغداشقا تەشكىللىگەن.

ئونمىڭ ئەرزىيەتچى ئوچۇق خەت يوللاپ، خەلقنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئونمىڭ ئەرزىيەتچى ئىمزا قويۇپ ئىككى چوڭ يىغىنغا ئوچۇق خەت يوللاپ، بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا خەلقنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قانۇن ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئوچۇق خېتىدە، ھازىر خىتايدا 'دېھقانلارنىڭ يېرى يوق، ئاھالىلارنىڭ تۇرالغۇسى يوق، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان ھوقۇقى يوق، كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ كەسپى يوق، كېسەل بولغانلارنىڭ داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، قانۇن ئالدىدا ئادالەتسىز دېلو سورالمايدۇ، ئەمما ھازىر ئولىمپىكنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن يۇقىرىغا ئەرىز يوللىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۇنداق رېئال مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىشىغا ھۆكۈمەت توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئىككى يىغىننىڭ ۋەكىللىرى خۇددى چىرايلىق ياساپ پارقىرىتىپ قويۇلغان تەشتەكلەرگە ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تەشتەكلەرنىڭ ئىچى چىرىپ قۇرۇتلاپ كەتكەن' دەپ بايان قىلىنغان.

'مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنى تارقىتىۋېتىش كېرەك'

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتنىڭ ئورگىنى 'يېڭى ئەسر جۇرنىلى'دا 3 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى خىتايدا باشلانغان ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا، خىتايدىكى خەلق ۋەكىلى' تۈزۈمىنى 'سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنغان تۈزۈم، خىتايدىكى خىيانەتچى-چىرىكلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دېموكراتىيىگە قارشى تۈزۈم، بۇنداق ئورگاننى تارقىتىۋېتىش كېرەك' دەپ كۆرسىتىلگەن.

ۋېي زىيۇ ئەپەندى ئېلان قىلغان 'مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا بىر سوۋغا' دېگەن ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچىدىن، سىياسىي كېڭەش، خەلق قۇرۇلتېيى دېگەن بۇ ئىككى چوڭ ئورگاننىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى خەلق سايلاپ چىقمىغان، ئىككىنچىدىن، بۇ ئىككى چوڭ تەشكىلات باشتىن ‏- ئاخىر خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۈچىنچىدىن، بۇ ئىككى چوڭ تەشكىلات خەلق باج تاپشۇرغان پۇلنى ئىسراپ قىلىدىغان، ئەمما خەلقنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان تەشكىلات، تۆتىنچىدىن، بۇ ئىككى چوڭ تەشكىلاتنىڭ خىتايدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كوممۇنىست پارتىيە بىلەن كېڭىشىدىغان ئەمەلىي رولى يوق، بەشىنچىدىن، خىتايدىكى بۇ ئىككى چوڭ تەشكىلات ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كېڭەش پالاتاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى دېگەن تەشكىلاتلاردەك رول ئوينىمايدۇ.

'شىنجاڭ' نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك

بۈگۈن خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن باشلانغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىلقى ئىككى چوڭ يىغىندا خىتايدا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇن تۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان قوبۇل قىلماي كېلىۋاتقان 'شىنجاڭ' دېگەن نامنى ئۆزگەرتىپ، شەرقىي تۈركىستان دېگەن نامنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ۋەلى)