د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىگە ئوخشاش بولمىغان باھالار

0:00 / 0:00

2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشقان ئىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، 2004 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 19 - كۈنلىرىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا، شەرقىي تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان مىللى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقى تەنتەنە بىلەن جاكارلانغان ئىدى. مانا بۇ ئارىدىن ئۆتكەن ئىككى يېرىم يىللىق بۇ جەرياندا ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا دوكلاتى بېرىپ ئۆتۈلدى.

خىزمەت دوكلاتىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مىللى ھەرىكىتىدە يىللاردىن بەرى ئېھتىياج تۇيۇلۇپ كەلگەن سىياسى ۋە تەشكىلى جەھەتتىن بىر مەركەزلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللى ھەرىكەتتە تەشكىلى جەھەتتىن مۇستەھكەملەش يولىدا كۆپ مۇساپىرلارنىڭ بېسىلغانلىقى تەكىتلەندى. ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن تەشكىلاتلاردىكى تارقاقلىق ئەھۋاللىرىغا خاتىمە بېرىلىپ پائالىيەتلەردە بىردەكلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، يەنى شەرقىي تۈركىستان مىللى ھەرىكىتىگە بىر مەركەزدىن رەھبەرلىك قىلىدىغان تەشكىلى قۇرۇلمىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەنگەنلىكى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا يەنە بۇ قۇرۇلمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كۈچلەندۈرۈشنىڭ قۇرۇلتايغا بۇندىن كېيىن يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئوقۇپ ئۆتتى. دوكلات تۆۋەندىكى بۆلۈملەردىن تەركىپ تاپقان.

1. تەشكىلى قۇرۇلمىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئىچكى خىزمەتلەر ساھەسى 2. سىياسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ساھەسىدە 3. خەلقئارالىق يىغىنلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر 4. خەلقئارا مەتبۇئات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر 5. تەشۋىقات خىزمەتلىرى ساھەسىدە 6. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى بولغان مۇناسىۋەتلەر 7. مۇھاجىرلار خىزمىتى ساھەسىدە 8. مەدەنىيەت مائارىپ ساھەسىدە 9. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى

بۇ دوكلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللىرىنى ناھايىتى مەمنۇن قىلدى. بەزى ۋەكىللەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ئىكى يىللىق خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بەزى ۋەكىللەر بۇ خىزمەتلەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تېخىمۇ كوپ خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى كېرەكلىكىنى دېيىشتى. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.