د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى


2008.03.18

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى يېقىندا گوللاندىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىسسيونىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكى شۇنىڭدەك ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە ياش ئۇيغۇر قىز ‏-چوكانلىرىنى خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەپ ئېلىپ كېتىش مەسىلىسى ۋە بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ھەمدە ئەقەللى ھوقۇقلاردىن بىرى بولغان پاسپورت ئېلىش ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا پاكىتلىق دوكلات سۇندى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق .

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە مەزكۈر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.