د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن پان ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

پان ياۋروپا ھەرىكىتى ياۋروپا بىلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە زىيالىيلاردىن تەشكىل تاپقان بىر تەشكىلات بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پان ياۋروپا ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولۇشتەك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ئاساسلىق تېما قىلىنغان يىغىنغا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ، ئېستونىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى، گېرمانىيە ھۆر دېموكراتىك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، خرىستىئان دېموكرات بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يىغىن جەريانىدا كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ، سىياسىي ئەربابلار ۋە زىيالىيلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپلىقى ھازىرلاپ بەرگەن ئېنگلىز، نېمىس تىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىيال ۋە كىتابلارنى تەقدىم قىلغان.

ئەركىن ئالىپتېكىن، يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى ئەيىبلەپ 2 قېتىم قارار چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا مىللىي پارلامېنتىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلغان.