ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت قەدرى


2007.08.22

ئۇيغۇرلاردا " بالىسى بار ئۆي بازارغا، بالىسى يوق ئۆي مازارغا ئوخشايدۇ" دەيدىغان ماقال بار. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشقا نەقەدەر زور كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر. تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ بىر غايىسى كىشى ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى يوللۇق ھالدا تەمىن ئېتىشى ئارقىلىق، ھارام، پاھىشە ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلاش بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق غايىسى ۋە مەقسىتى نەسىل يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. تۇرمۇش قۇرغان ھەرقانداق ئەر ئايالنىڭ قەلبىدە پەرزەنت كۆرۈشتىن ئىبارەت بولغان بۇ ئارزۇ ئورتاق تەلپۈنىدۇ. ھەر قانداق ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نام نىشانىسىنى داۋام قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

پەرزەنتلەر ئائىلىنىڭ زىننىتى

ئاللاھ نەسىلنىڭ ھاياتلىقنى گۈللەندۈرىدىغان ۋە كىشىگە بەخت سائادەت بېغىشلايدىغان ئەڭ چوڭ نېمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر". (كەھف سۈرىسى)

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىك بىر بايلىق ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" پەرزەنتلەر ئاتا ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىلىرى، ئائىلىنىڭ گۈللىرىدۇر. ئاتا ئانىلارنىڭ يۈرەكلىرى شۇ گۈللەر بىلەن ياشىرىپ تۇرىدۇ. دۇنيادا پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئاتا ئانىلاردىنمۇ كۆيۈمچان كىشىلەر بارمىدۇ؟! شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئاتا ئانىلارغا بالىلار ھەققىدە قىلىنغان تەۋسىيەلەردىن بالىلارغا ئاتا ئانىلار ھەققىدە قىلىنغان تەۋسىيە ئىنتايىن كۆپتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئەزەلدىن ئاتا ئانىلارنىڭ قەلبلىرىگە بالىلارغا كۆيىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر مۇھەببەتنى سېلىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلارغا بالىلار ھەققىدە تەۋسىيە قىلمىسىمۇ، ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەر نەرسىسىنى، ھەتتا جانلىرىنى پىدا قىلىشقا ھازىر.

ئەمما بالىلار ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئائىلىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قىلىپ، ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدا چەككەن مېھنەت جاپالىرىنى ئوڭايلا ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرۇشقا تىرىشمايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بالىلارغا، ئاتا ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە كۆپلىگەن تەۋسىيەلەرنى قىلدى ۋە ئۇلارنى ئاتا ئانىنى قاخشىتىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى."

پەرزەنتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئائىلە ھوزۇرلۇق ئائىلىدۇر. ئۇ خۇددى مېۋىلىك باغدەك بەرىكەتلىك، گۈل باغچىسىدەك خۇشپۇراق بولىدۇ. پەرزەنتلەر يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ ۋە بالا قازالاردىن ھىمايە قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەلۋەتتە ، ئاتا ئانىلار ئاللاھنىڭ بۇ سان ساناقسىز نېمەتلىرىنى تونۇپ، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشى ۋە نېمەت بولۇپ بېرىلگەن بۇ ئەزىز پەرزەنتلەرنى قەدىرلىشى لازىم.

پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ئامانەتلىرىدۇر

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پەرزەنتلەر ئاتا ئانىلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ھەم شەرەپلىك ھەم خەتەرلىك بىر ئامانەتلەردۇر. ئاتا ئانىلار قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۇ ئامانەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى بۇ جاۋابكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا چاقاڭلارنى، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار." (تەھرىم سۈرىسى)

ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە بالا چاقىلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشتۇر. ئاتا ئانىلار يۇقىرىقىلارنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈگەيدۇ. كېيىنكى ئىشلارغا بالىلار ئۆزلىرى جاۋابكار بولىدۇ.

ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ قانداق يېتىشىپ چىقىشىدىن مەسئۇلدۇر. ئۇلار بالىلىرىنى ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ياخشى تەربىيىلەپ چىققان بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە چوقۇم كۆرىدۇ. ئەگەر بالىلىرىنى ئۆز ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بېرىپ، تەلەپ قىلىنغان بويىچە يېتىشتۈرەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە تارتىدۇ. يامان بالىنىڭ ئاپىتى ئاتا ئانىلارنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. ئامانەتنى زايا قىلغان كىشى قانداق جاۋابكارلىققا تارتىلسا ، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىنى زايا قىلىۋەتكەن ئاتا ئانىلارمۇ، ئۇنىڭدىن ئېغىرراق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. چۈنكى پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرغان ئامانەتلىرىدۇر.

بالىلارنىڭ ئاتىلارغا ئىتائەت قىلىشى ۋە سۆزىگە كىرىشى ئۈچۈن، ئاتا ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، مېھرى مۇھەببىتىنى ۋە شەپقىتىنى بېغىشلىشى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىشى كېرەك. بالىلارغا ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلىماسلىق، ئۇلارغا كەمچىلىكلىرىنى تونۇتۇشتا مۇناسىپ ئورۇن ۋە مۇناسىپ ۋاقىت تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بالىلارغا نەسىھەت قىلغاندا ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ، ئاندىن كەمچىلىكلىرىنى سىلىق، مەنتىقىلىق ئۇسۇلدا ئېيتىپ بېرىپ، ئاندىن توغرا نەسىھەت قىلىش، تەربىيە كۆرگەن ئاتا ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىقتۇر.

بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈش پەرزدۇر

مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى :" بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈش كېرەك. بىرىنى بىرىدىن ئارتۇق كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە شەپقەت ئىزھار قىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنى رەنجىتمەسلىك لازىم. بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلماسلىق ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر قوزغايدۇ. ئاتا ئانىغىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە كەلمەيدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ گۇناھ سانىلىدىغان يامان ئىشتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: " ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلىڭلار" دەپ كۆرسەتكەن. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، يېنىغا ئۇنىڭ ئوغلى كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ئارقىدىن ئۇنىڭ قىزى كەلگەن ئىدى، ئۇنى سۆيمەيلا يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەمگە، 'سەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادىللىق قىلمىدىڭ!' دېدى."

بالىلارنى ئەيىبلەش ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە يامان ئىشتۇر. بولۇپمۇ، بەزى ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ ئاز تولا نادانلىقلىرىغا ئاچچىقلانغانلىقتىن ئۆزلىرىنى تۇتالماي، ئېغىزلىرىنى قويۇۋېتىشكە ئالدىرايدۇ بالىلىرىنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇلارنى ھاقارەتلەپ سۆكىدۇ. بۇ خاتا ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: "ئۆزۈڭلارنىڭ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ۋە ماللىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ نېمە سورالسا بېرىدىغان بىر سائىتى بار، سىلەرنىڭ بەددۇئايىڭلار شۇ سائەتكە ئۇدۇل كېلىپ قالمىسۇن." (مۇسلىم رىۋايىتى)

بالىلارنىڭ تەنتەكلىكىنى ۋە قوپال مۇئامىلىلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئاتا ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىق ۋە كەڭ قورساقلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: "باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارغا رەھىم قىلىنمايدۇ." (توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.