ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئەدىلىيە سېستىمىسىنى تەنقىدلىدى


2005.02.28
abduxelil-abdumijit-150.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىلى سىنتەبىردە خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى بايقاشلىرى ئاساسىدا، خىتايدىكى ئەدىلىيە سىستېمىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا پۇقرالارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرى يەنىلا ئېغىر بولماقتا. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى 1997 - يىلى ئۆكتەبىردە تۈنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، شۇندىن بېرى، خىتايدىكى ئەدىلىيە ئورگانلىرى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە تۈپكى ئۆزگىرىش ياسىمىغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەدىلىيە ئورگانلىرى "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنى ھېچقانداق سوتلىماستىنلا تۈرمىگە تاشلايدىكەن. خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا يەنە ئېنىقلىمىسى غۇۋا سۆزلۈكلەر بار ئىكەن. مەسىلەن: "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش"، "جەمئىيەت تەرتىبىنى قالايمىقان قىلىش" قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئېنىقلىمىسى بەكلا كەڭ بولۇپ، بۇنداق سۆزلۈكلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆز سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىپادىلىگەن پۇقرالارنى جازالاشقا بولمايدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، چۇ فامىلىلىك باياناتچى خادىم ۋاقتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلمىدى.

سوتلانماي تۇرۇپ جازالىنىدۇ

جىنايى ئىشلار قانۇنىي جەھەتتىكى يەنە بىر ئەندىشىمىز، خىتايدا سوت مۇستەقىل بولمىغاچقا، سوتچىلار ھۆكۈم چىقىرىشتا تۈرلۈك سىياسىي بېسىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارك ئەلىسىن، خىتايدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

" بىز خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئادالەتسىز سوتلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن دىلولارنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر سوتلانمايلا، ساقچىلار ۋە ياكى باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا تاشلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى ب د ت خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بىز خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سېستىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىستېمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. ئەمما، بىز بۇ سىستېمىنىڭ قاچان ، قانداق شەكىلدە ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. جىنايى ئىشلار قانۇنىي جەھەتتىكى يەنە بىر ئەندىشىمىز، خىتايدا سوت مۇستەقىل بولمىغاچقا، سوتچىلار ھۆكۈم چىقىرىشتا تۈرلۈك سىياسىي بېسىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ پائالىيەتچىلەرنى سوتلىغاندا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. بۇنىڭدىن سرت، مەھبۇسلار ئائىلىدىكىلىرى ۋە ئادۋۇكاتلىرى بىلەن دەرھال ئۇچرىشالمىغاچقا، ئۇلارنىڭ سوتلانماي تۇرۇپلا ھەر خىل قىيىن - قىستاقلارغا ئۇچراش ئىھتىماللىقى كۆپ بولىدۇ.

ۋەدىسىدە تۇرماسلىق

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ب د ت خادىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9 – ئايدا، تىبەتنىڭ تۈرمىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خادىملىرىنىڭ ئەركىن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قوشۇلغان. بىراق ب د ت خادىملىرى تىبەتتىكى بىر تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغىنىدا، خىتاي تۈرمە خادىملىرى ئۇلارنى بىر قىسىم مەھبۇسلار بىلەن ئۇچراشتۇرمىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەھۋال ئېغىر

خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى سىياسىي ۋە دىنىي ئۆكتىچىلەرنى دائىم تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خادىمى مارك ئەلىسىن، تىبەتكە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭمۇ ئىنتايىن ناچارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

"ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇچۇر ئالماق ئىنتايىن تەس. بىز ئىگىلىگەن بەزى دىلولارغا قارىغاندا، كىشىلەر پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە چەتئەلگە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئابدۇغېنى مەمتىمىن ئىسىملىك مۇخبىر ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. ئۇ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت تېپىشتا كەمسىتىلىشتەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە چەتئەلگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە تىرىشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت مۇشۇنداق سۆز ئەركىنلىكىنى قوغلاشقان ياكى تىنچلىق بىلەن ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ.

ب د ت نىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دوكلاتىدا شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1998 - يىلى ب د تنىڭ خەلقئارا سىياسىي ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىغا قول قويغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى بولسا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئۇلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ھەققىدە بىر يۈرۈش تەكلىپ- پىكىرلەرنى بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سېستىمىسىنى ئېسلاھ قىلىش، قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چوقۇم سوتتىن چۈشۈرۈش، بىرسىنى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتكەندە، چوقۇم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، كىشىلەرنى دىنىي، سىياسىي قاراشلىرى ئۈچۈن جازالىماسلىق، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئېنىقلىمىسى غۇۋا بولغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتى يېقىندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە. بىر قىسىم ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ خەلقئارا بىلەن قەدەممۇ- قەدەم ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خادىملىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىشى بۇنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ب د ت خادىملىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.