ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەسىلىسى


2004.10.21

نۆۋەتتە سۇ مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيە، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مىللىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە تۇتىشىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىپايان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان سۇ مەنبەلىرى تەڭرى تاغلىرى، قارا قۇرۇم ، ئالتاي ۋە ئالتۇن تاغلىرىنىڭ مۇزلۇق چوققىلىرىدىن باشلىنىپ، ئەتراپتىكى نەچچىلىگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدە نەچچە يۈزلىگەن مىللەتلەر شۇنىڭدەك مىليونلىغان ئاھالىلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىش بىلەن ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلايدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئاھالىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپىيىشى، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىش ھەمدە سۇ مەنبەلىرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، پىلانسىز بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى شۇنىڭدەك باشقا ھەر خىل بازار قوغلاشقان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاران 10٪ كە يەتمەيدىغان ئادەم ياشاش مۇمكىنچىلىكى بار زېمىنلىرىنى تۈرلۈك ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەرگە گىرىپتار قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.