نېفىت ۋە تەبىئىي گازلارنى پىلانسىز قېزىش ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە
2007.10.09
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى كاسپى دېڭىزىنى چۆرىدىگەن ئېنېرگىيە بەلۋېغى بىلەن تۇتىشىدىغان قازاقىستان بىلەن تۈركمەنىستان مول ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىلا ئەمەس بەلكى، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن. مەزكۇر ئىككى مەملىكەت غەربىي لىنىيىدە رۇسىيىگە ئۆز ئېنېرگىيىلىرىنى ئېكىسپورت قىلسا، شەرق تەرەپتە خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، خىتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان شۇنىڭدەك گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، كەڭ كۆلەمدە خىتايغا تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىشقا تەرەددۇت قىلماقتا.
نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېلىشنىڭ كۆپىيىشى، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر ھەم ئاھالىنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن تەھدىدتۇر
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە قازاقىستاننى دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققى قىلغان 50 دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ۋاھالەنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى مۇنداق كۆپلەپ ئېچىشنىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىماقتا . بۇ جەھەتتە تۈركمەنىستان كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ نېفىت-خىمىيە سانائىتىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇشى بىلەن رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىنى ھىدروكاربونات چىقىندىلىرى بىلەن زەھەرلەۋاتقانلىقى نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئا ق ش غا جايلاشقان، نېفىت ۋە گاز ئىشلەپ چىقىرىشتا ئاشكارىلىققا ئۈندىگۈچى خەلقئارالىق " نېفىت جاۋابكارلىقى " تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەشكىلات ۋەكىلى كېيت ۋوتتېرس " غەرب شىركەتلىرى ئەلۋەتتە، كۆپرەك يېقىلغۇ ئېلىشنى، چوڭراق سەرمايە كىرگۈزۈشنى خالايدۇ. بىراق، كاسپى دېڭىزىدىكى ئېكولوگىيىلىك ۋەزىيەت بۇنداق بېسىم تۈپەيلىدىن زور زىيان تارتماقتا، شۇ سەۋەبتىن خەلقلەرنى ھۇشيار بولۇشقا ۋە بايلىقنى دەپ تەبىئەتنى بۇزماسلىققا دەۋەت قىلىمىز" دەيدۇ.
ۋوتتېرسنىڭ قارىشىچە، كاسپى دېڭىزى كۆپلەپ نېفىت قېزىلىۋاتقان جاي بولۇپ، بۇ ئەھۋال كاسپى دېڭىزنىڭ ئېكولوگىيىسىگە ئېغىر زىيان سالماقتا. ھازىر بۇ يەردىن ئېلىنىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سەۋەبىدىن يۈزلىگەن خىلدىكى ھايۋانلار، يۈزلىگەن خىلدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە زەرەر يەتمەكتە، رايون ئاھالىسىمۇ ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش تۈپەيلىدىن جىددىي كېسەللىكلەرگە دۇچار بولماقتا، ئەگەر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېلىش ھەسسىسى قانچە ئاشسا، ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قىرىلىشى ۋە ئاھالىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر تەھدىتكە يۈزلىنىدۇ.
قۇرۇپ كېتىۋاتقان ئارال كۆلى
كاسپى دېڭىزىدىن باشقا يەنە ئارال كۆلىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان جاي بولۇپ، ئارال كۆلى ئوخشاشلا تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان بىلەن تۇتىشىدىغان يەرگە جايلاشقان . ئارال كۆلى مەزكۇر مەملىكەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلارنى كۆپلەپ ئېچىشىدىن كېلىپ چىققان ئېكولوگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ھەم باشقا تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرى تۈپەيلىدىن دېڭىز كەبىي بۇ چوڭ كۆل قۇرۇپ، كىچىكلەپ كەتكەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تۇپراق جۇغراپىيىسى، جۈملىدىن تۇپراقلارنىڭ قۇملىشىش مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇختەر چوڭنىڭ قارىشىچە، ئارال كۆلى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ ئەتراپى دۇچ كەلگەن ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەر ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى كۆپلەپ ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ھاۋا كىلىماتى، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ قۇرغاقلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كاسپى دېڭىزىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى بۇزۇۋاتقان دۆلەتلەر تۈركمەنىستاندىن باشقا ئىران، ئەزەربەيجان، رۇسىيە ۋە قازاقىستانلار بولۇپ، كاسپى دېڭىزى ۋە كاسپى دېڭىزى ئەتراپىدىكى ھاياتلىقنى، ئېكولوگىيىنى ئاسراش بۇلارنىڭ ئورتاق بۇرچىدۇر.
ئا ق ش غا جايلاشقان، نېفىت ۋە گاز ئىشلەپ چىقىرىش پىلانلىرىنى ئاشكارىلىققا ئۈندىگۈچى خەلقئارا تەشكىلات " نېفىت جاۋابكارلىقى" تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ۋوتتېر خانىمنىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بىر مەملىكەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى شەرتنامىلەر تۈزىدۇ. بىراق بۇ شەرتنامىدىكى شەرتلەر پۇقرالارغا ئاشكارا بولمايدۇ. شۇڭا مەزكۇر تەشكىلات غەرب شىركەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن ئېنېرگىيە شەرتنامىلىرىنى ئاشكارىلىشىنى، ئېكولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىمۇ ئوخشاشلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم ۋادىسى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى تارىم ۋادىسىدا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئېلىش ئىشلىرىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن. ئىلگىرى -كېيىن بىر قانچە تەبىئىي گازلىق ئېچىلغان بولۇپ، ئېرىشىلگەن تەبىئىي گازلار تارىم -شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىگە توشۇلماقتا. ئۇنداقتا، كۈنسايىن جىددىيلەشتۈرىلىۋاتقان ئېنېرگىيە قېزىش ئىشلىرى ۋە تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرىلىۋاتقان ھەم كېڭەيتىلىۋاتقان نېفىت-خىمىيە سانائىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ دېگەن سۇئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي. ئۇزۇن يىللار ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىنىقىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش، ئەمدىكى تەبىئىي بايلىقلار جۈملىدىن ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى قالايمىقان ۋە پىلاندىن سىرت قېزىشنىڭ تارىم ۋادىسىغا ئوخشاشلا كاسپى، ۋە ئارال كۆلى دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن، تارىخىي كىتابلاردا شۇنچە چوڭ كۆل دەپ تەرىپلەنگەن لوپنور كۆلىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە قۇرۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
دوكتور مۇختەر چوڭنىڭ قارىشىچە، ئەلۋەتتە، تارىم ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ، سۇ زاپىسى يېتەرسىز ئەھۋال ئاستىدا تارىم ۋادىسىدا كۆپلەپ يەر ئېچىش ئۈچۈن سۇ ئىشلىتىش ھەمدە نېفىت ئېلىش ئۈچۈنمۇ كۆپلەپ سۇ ئىشلىتىشمۇ مۇھىم سەۋەبتۇر. دوكتور مۇختار چوڭنىڭ قارىشىچە، ھازىر تارىم ۋادىسىنىڭ قۇملىشىشى ئېغىر بولۇپ، قۇملۇقلار كېڭەيمەكتە، دەريا - كۆللەر قۇرىماقتا. تەبىئەت بۇنداق بېسىمنى كۆتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا كەلگۈسىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ.
خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىم ۋادىسىدا ئىلگىرىكىدىن بەكرەك جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىش ھەرىكەتلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا يەنە قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە، بۇ سۇئاللار پات يېقىندا خەلقئارا ئېكولوگىيە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئالدىدىكى تاللاش يولى- ئۆزئارا بىرلىشىش ۋە ياكى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش
- ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىنى قۇرۇش كۇن تەرتىپى يېقىنلاشماقتا
- خىتاينىڭ قاتتىق ئويۇنى ۋە يۇمشاق سىڭىپ كىرىشى
- ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى
- ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ئويلار
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى تالان - تاراج قىلىش سىياسىتى كۈچەيمەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيادىكى ناتو (NATO) بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟
- " تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئاياغلاشتى
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىقىش نۇقتىسى - يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش