ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى سىمسىز يەتكۈزۈش تېخنىكىسى ئامېرىكىدا سىناقتىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

"پەن-ئىلىم" ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل نەشر قىلىنغان يېڭى سانىدا، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى سانائەت-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى ئالىملار ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى سىمسىز يوللاش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ھەققىدىكى دوكلات ئېلان قىلىندى.

بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق 'سىمسىز قۇۋۋەت' تېخنىكىسى بىلەن يانفون، يان كومپيۇتېرلارغا، ئائىلە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان روباتلار (ئېلېكترونلۇق ئادەم) ، مۇزىكا ئاڭلايدىغان MP3 ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارغا يىراقتىن سىمسىز توك قاچىلاش مۇمكىن بولىدۇ.

ئېلېكتىر سىملىرى بىلەن خوشلىشىدىغان دەۋر كەلمەكتە

فرانكلىن خەدلېي ئەپەندىنىڭ 6 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى بوستون شەھىرىدىكى سانائەت-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدا سىناقتىن ئۆتكەن ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى سىمسىز يوللاش تېخنىكىسى، يېقىن كەلگۈسىدە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مىسلىسىز قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

ئامېرىكىدا بۇنداق 'سىمسىز قۇۋۋەت' تېخنىكىسى سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھازىر پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ئېلېكتىر سىملىرى بىلەن خوشلىشىدىغان بىر يېڭى دەۋر يېتىپ كېلىشكە باشلىدى.

يىراقتىن سىمسىز توك يەتكۈزۈش سىنىقى

ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى سانائەت-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئالىملىرى ئېلان قىلغان ئىلمىي دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۇلار يېقىندا ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرى ئارقىلىق يىراقتىن توك يەتكۈزۈش سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. دەسلەپكى سىناقتا 60 ۋاتلىق ئېلېكتىر لامپىسىنى ئىككى مېتىر يىراقلىقتىن سىمسىز يورۇتقان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئالىملار بۇنداق "سىمسىز قۇۋۋەت" تېخنىكىسىنى سىناق قىلىدىغان ئەسۋابنى بۇلتۇر لايىھىلەپ چىقىپ سىناققا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان ئىكەن.

بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار بۇ ئىلمىي سىناقنى كەسمە قېلىنلىقى 60 مىللىمېتىرلىق مىس سىم ئورالغان ئىككى سىم غالتىكى ئارقىلىق تاماملىغان. ئالىملار ئۆزلىرى تەييارلىغان مىس سىم غالتىكىنىڭ دولقۇن تارقىتىدىغان بىرىنى توك مەنبەسىگە چېتىپ، قوبۇللايدىغان يەنە بىرىنى ئىككى مېتىر يىراقلىقتا قويۇپ، ئارىلىقتا ھاسىل بولغان ئېلېكتىر دولقۇنلىرى ئارقىلىق 60 ۋاتلىق ئېلېكتىر لامپىسىنى سىمسىز يورۇتقان. ئېلېكتىر مەنبەسى بىلەن قوبۇللىغۇچىنىڭ ئارىسىنى ياغاچ ياكى مېتال بىلەن توسقاندىمۇ، لامپىنىڭ يورۇشى تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

‏-‏- بىز بۇ جەھەتتىكى نەزەرىيىگە بۇرۇنلا ئىشىنەتتۇق، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا، سىناق ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشى لازىم ئىدى، ‏--- دەيدۇ "سىمسىز قۇۋۋەت" تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى پروفېسسور مارىن سولياچېك. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ پروفېسسور يەنە، ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى يانفون' غا ھەر ئايدا ئالتە قېتىم يىراقتىن سىمسىز توك قاچىلاپ ئۇدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

'سىمسىز قۇۋۋەت' تېخنىكىسىنىڭ بىخەتەرلىكى

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، تۆۋەن ئېقىملىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنلىرى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. مەسىلەن: ئىككى گېگبايت خېرتسلىك يانفون ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ دولقۇنلىرى ناھايىتى قىسقا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا توك مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانى بىرلا ۋاقىتتا ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتىكى شارائىتتا، ئۇنىڭدا پەقەت ماگنىت مەيدانىلا قالىدۇ.

ئادەتتە ئادەم بەدىنىنىڭ ئېلېكتىر مەيدانىغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، مەسىلەن، مىكرو دولقۇنلار ئارقىلىق گۆشنى كاۋاپ قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئادەم بەدىنىنىڭ ماگنىت دولقۇنلىرىغا بولغان ئىنكاسى يوق دېيەرلىك ھالدا. شۇڭلاشقا ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئورۇنلىنىدىغان 'سىمسىز قۇۋۋەت' تېخنىكىسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىخەتەر.

‏-‏-‏- ئەمما بۇ يېڭى تېخنىكىنى تۇرمۇشتا قوللىنىش بۇرۇن، يەنە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ سىناق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ‏-‏- دەيدۇ پروفېسسور پىتېر فىشېر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ نىشانى ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىڭ ھەجمىنى كىچىكلىتىش، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ كىشىلىك تۇرمۇشقا ئەڭ زور دەرىجىدە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىراقتىن سىمسىز قۇۋۋەت يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. (ۋەلى)