"ئۇلۇغ شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋايى" ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00
elishir-nawayi-yighin.jpg
يىغىن سەھنىسىدىن كۆرۈنۈش

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتاقلىشىپ داڭلىق شائىر، دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 565 يىللىقىنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

"ئۇلۇغ شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋايى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى باش ئەلچىلىرى، بىلىم ئادەملىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتىدىكى ئورنى، كىشىلىكى ۋە ئەسەرلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، باھا بېرىلىپ ئۆتۈلدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.