ئىراقتىكى ئال قائىدە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەلمۇھاجىر كىم؟


2006.06.13

ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ، ئۆتكەن ھەپتە ئۆلتۈرۈلگەن تەشكىلات رەھبىرى ئەبۇ مۇساب ئەلزەرقاۋىينىڭ ئورنىغا ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىرنىڭ تەيىنلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى، دۇنيادىكى تېررورچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يانۋار ئېيىدا ئەلزەرقاۋىي تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئالتە ئىراق قوراللىق سۈننىي ھەرىكىتىدىن تەشكىل تاپقان مۇجاھىتلار كېڭىشى بىردەك ئاۋاز بىلەن ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىرنى ئەلزەرقاۋىينىڭ ئورنىغا ئەمىر سايلاپ چىققان.

دەسلەپتە بەزى مۇلاھىزىچىلەر، بۇ باياناتنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىر ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما كېيىنرەك تېررورچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى ئەلمۇھاجىر ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

بىن لادىن بىلەن ئالاقىسى بار

ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رادىكال ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ئالاقىسى بولغان مىسىرلىق ئادۋوكات ۋە ئەلقائىدە مۇتەخەسسىسى مۇنتەسىر ئەلزەييات ئەلمۇھاجىرنىڭ بىن لادىن بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، 1995 يىلىغىچە سۇداندا بىن لادىن بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىنى، ئاندىن پاكىستاننىڭ پىشاۋەر شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىن ئافغانىستانغا يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە 2001 ‏- يىلى بولسا ئىراققا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىر، ئەبۇ مۇساب ئەلزەرقاۋىينىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بولۇپ، 2001‏- يىلىدىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1965 ۋە ياكى 1966 يىلىدا تۇغۇلغان ئەلمۇھاجىر ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ 400 كىلومېتىر غەربىي شىمالى رايونىغا جايلاشقان سۇرىيىنىڭ كىچىك بىر چېگرا شەھىرى بولغان ئەلقايىم شەھىرىدە تۇرۇپ، بۇ يەردە يېڭى كەلگەن مىلىتانتلارنى ئەلقائىدەنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە تەربىيىلەيدىكەن.

ئەمما يېقىندا ئۇ سۇرىيىدىن ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە يۆتكەلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئەلمۇھاجىر ھازىرمۇ كەركۈك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، سەيشەنبە كۈنى كەركۈك شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا ئۇنىڭ قولى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ پارتلاشلاردا 24 كىشى ئۆلگەن، 40 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان.

دۆلەت تەۋەلىكى نامەلۇم

ئەلمۇھاجىرنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بەزىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ لىۋىيە پۇقراسى ئىكەن. ئەمما باشقىلار ئۇنىڭ يەمەن پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر ئىراقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەمما نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، ئۇنىڭ ئىراق پۇقراسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلزەرقاۋىي ھېچقاچان ئىراقلىقلارغا ئىشەنمىگەن. شۇڭا ئۆز ئەتراپىغا پەقەتلا يەمەنلىك، سۇرىيىلىك، لىۋىيىلىك ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مىلىتانتلارنى توپلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئەلمۇھاجىر ئەلزەرقاۋىيغا يېقىن بىركىشى بولسا، ئۇنىڭ ئىراقلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەمما بەزى مۇلاھىزىچىلەر، ئەلمۇھاجىرنىڭ، ئوساما بىن لادىن تەرىپىدىن ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدرۈمەكتە. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇساما بىن لادىن، ئەلزەرقاۋىينىڭ رەھبەرلىكى دەۋرىدە ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپلارنى ۋە سۇننىيلەر بىلەن شىيەلەر ئارىسىدىكى توقونۇشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەلزەرقاۋىينىڭ ئورنىغا بىر ئىراقلىقنى تەيىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئەمۇھاجىرگە ئوخشاش تونۇلمىغان بىر كىشىنىڭ ئەلزەرقاۋىينىڭ ئورنىغا ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەينلىنىشى، ئۇساما بىن لادىننىڭ ئىراقتىكى ھەرىكەتلەرگە بىۋاستە ئارىلىشىشىغا شارائىئىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەبۇ ھەمزە ئەلمۇھاجىر، ئەلزەرقاۋىيغا ئوخشاش ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشمىغان، شۇڭا ئۇ بىر ھەربىي رەھبەر ئەمەس، سىياسىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشى مۇمكىن. ھەربىي ئىشلار ساددام ھۈسەيىننىڭ سابىق گېنىرالى 62 ياشتىكى ئەبۇ ئەسىل قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە كۈنلۈك سىياسىي پائالىيەتلەر ئەلمۇھاجىر ھەتتا ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئۇساما بن لادىن تەرىپىدىن يۈزگۈزۈلۈشى مۇمكىن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.