خىتاي، ئەدلىيە مەسىلىلىرى بويىچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ
2005.03.02
خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى بويىچە، مەھبۇسلارنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى 18 ئاي بىلەن چەكلىنىدىكەن. خىتاي، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۆلەت. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىرقى مەۋجۇت قانۇنلار بويىچە مەھبۇسلارنى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىسىز 4 يىلغىچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تۆمۈر ئىشىكلەر بولمايدۇ
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ گوڭيى، يېڭى تۈزۈم بويىچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مۇددىتىنىڭ 18 ئاي بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا مەھبۇسلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ گوڭيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تۆمۈر ئىشىك ۋە تۆمۈر دېرىزىلەر بولمايدىكەن." خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، "مەھبۇسلارغا ئىنسانپەرۋەرلەرچە مۇھىت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتمەكتە.
شىنجاڭ ئاساسلىق نۇقتا. تارىم دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى جايلاردا ئۈرۈمچىدىن كورلىغىچە ھەتتا قەشقەر ۋە جەنۇپ تەرەپتىكى چەرچەنگىچە بولغان جايلاردا ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
خاررىي ۋۇ: ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە
"ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، ئۇسۇل جەھەتتىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن،" دەيدۇ ئامېرىكىدىكى "لائوگەي فوندى جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى خاررىي ۋۇ. بىراق ئۇ، مەسىلىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يەردىكى مەسىلە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدە، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئۆزگىرىش ياساش ئۈچۈن، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ تۈزۈم ئاساسى قانۇن تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قوراللىرىنىڭ بىرى قىسىمى."
ب د ت خىتايدىكى ئەمگەك لاگىرلىرىنى تەنقىدلىگەن
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاي توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئوخشىمىغان كۆز- قاراشتىكى سىياسى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش لاگىرىغا تاشنىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مارك ئەللىسېن، خىتايدا كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن سوتلانمايلا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا يوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ بازىسى "شىنجاڭ" دا
بۇ يەردىكى (ئۇيغۇر ئېلىدىكى – تەھرىردىن) خىتاي مەھبۇسلار مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر، ئامما ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە، ھاكىمىيەتنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ.
خاررىي ۋۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىسى شىنجاڭ بىلەن چىڭخەيگە جايلاشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "شىنجاڭ ئاساسلىق نۇقتا. تارىم دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى جايلاردا ئۈرۈمچىدىن كورلىغىچە ھەتتا قەشقەر ۋە جەنۇپ تەرەپتىكى چەرچەنگىچە بولغان جايلاردا ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن."
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى رۇسىيىنىڭ سىبىرىيىسىگە ئوخشاتقان خاررىي ۋۇ، جىنايەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پالاش، رايوندىكى ئېتنىك سۈركىلىشكە ياغ چاچماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ يەردىكى خىتاي مەھبۇسلار مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر، ئامما ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە، ھاكىمىيەتنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ."
ب د ت: خىتاي ئەمگەك لاگىرلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزگەن. ئامما كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھازىرغا قەدەر چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن. ئامما ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، " خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ قاچان، قانداق ئۇسۇلدا ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز،" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى بىر مىليون 500 مىڭ مەھبۇسنىڭ 26 مىڭىنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدىكى تۇتقۇنلار ئىگەنلەيدىكەن.
"بېيجىڭ گېزىتى"، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى قانۇن لايىھىسىنى، بۇ يىل 4 - ئايدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئەدىلىيە سېستىمىسىنى تەنقىدلىدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بايانىتىنى ئەيىپلىدى
- خىتاينىڭ "مۇپەتتىش دوكلاتى" قانچىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلدى؟
- خىتاي ساقچىلىرى مەھبۇسلارنى قانداق قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ ؟