ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللىدى


2005.12.19
CHINA-PRISON-TEXTILE-200.jpg
2005-يىلى 30-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمە خادىمى شىئەندىكى بىر مەھبۇسلار كىيىم –كېچەك زاۋۇتىدا نازارەت قىلماقتا. AFP

"ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" خىتاينىڭ بارلىق مەھبۇسلارغا مەجبۇرىي ئېلىپ بارىدىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى. بۇ، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن قالغان مەھسۇلات بولسىمۇ، لېكىن ھازىرمۇ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت ئاپاراتىدىكى مۇھىم بىر تەركىپ بولۇپ ساقلانماقتا . "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" ئادەتتە خىتاينىڭ تۈرمىلىرى، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورۇنلىرى ۋە نازارەتخانا قاتارلىق جىنايەتچىلەر ۋە جىنايىتى بار دەپ گۇمان قىلغۇچىلارنى سولايدىغان جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە خەلقئارا ئوبرازىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھازىر "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

خەلقئارا بازاردىكى بىر قىسىم خىتاي ماللىرىغا خورلانغان مەھبۇسلارنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى جەمئىيىتى" تور بېتىدە، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا ئىككى خىل مەقسىتى بار دەپ كۆرسەتكەن. بىرى، مەھبۇسلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ھەق بەرمەيدىغان ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قىلىۋېلىش. يەنە بىرسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق مەھبۇسلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش.

مەزكۇر "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش قارار لايىھىسى" ئاۋام پالاتاسىدا 413 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى ۋە 1 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋەكىلى فرەنك ۋولف بۇ لايىھىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ "ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ لايىھە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"خىتاينىڭ خەلقئارا بازارغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىنى، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ۋە خورلانغان مەھبۇسلار ياسىغان. بۇ بىر ئەشەددىي ئەھۋال. شۇڭا بىز بۇنىڭغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك دەپ ئويلىدۇق".

خەلقئارا قانۇنغا ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمىگە خىلاپ

خىتايدىكى تۈرمىلەرنىڭ كۆپى ئىككى خىل ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. بىرى، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنى ۋە نازارەتخانە دېگەندەك بولسا، يەنە بىرسى، رېزىنكا زاۋۇتى، پالانى كۆمۈر كان دېگەنگە ئوخشاش كارخانا ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان. بۇ يەردىكى مەھبۇسلار رېزىنكا ئاياقلارنى ۋە پلاستىك گۈللەرنى ياساشدىن تارتىپ، ھەتتا كان قېزىش ئىشلىرىغىمۇ سېلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ قىسمى چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىردەك، تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇزۇشنىڭ، خەلقئارا قانۇنغا ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇلار يەنە، بۇنداق قىلىشنى بىر ئادالەتسىز سودا ئۇسۇلى دەپ قارىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئەيىبلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ۋە دىنىي ئەرباپلارنى باستۇرىۋاتقانلىقى بولدى. پارلامېنت ئەزاسى فرەنك ۋولف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلغۇچى خرىستىئانلارنى، بۇددىستلارنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش بىلەنمۇ شوغۇللىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن سىز 50 نەچچە مىڭ دوللار خەجلىسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ قېنىڭىزنى تەكشۈرىدۇ. ئاندىن تۈرمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىرسىنى تېپىپ، شۇنى ئاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز بىر ئادەم بۆرىكىگە ئېرىشەلەيسىز".

بەزى داڭلىق ماركىلاردىمۇ مەھبۇسلارنىڭ ئەمگىكى بار

ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بۇ ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپ بەردى.

رابىيە خانىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە يەنە، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپچىلىكى داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەر بولۇپ، بۇلار ھەتتا چەتئەللەرگىچە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تەرەپ جىددى پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك

خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇشتا كۆپ رول ئوينىغان "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى جەمئىيىتى" نىڭ مەسئۇلى ۋۇ خوڭدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بەرگەن مەلۇماتىدا ، خىتايدا "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇ ھالدا خىتايدا دېموكراتىيە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

"ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزى بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي تۈزۈلمىسىگە ۋەكىل قىلىدۇ. مەيلى بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد ۋە سودىسى قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، بۇ يەردە "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" مەۋجۇتلا بولغاندىكىن، بۇ دۆلەت، دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەت ئەمەس. چۈنكى ئەركىنلىك بىلەن "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ".

خىتايدىكى "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" ئەھۋالى 10 نەچچە يىلدىن بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھەتتا خىتاي بىلەن 1992 ‏- يىلى تۈرمىلەردىكى ئەمگەك مەسىلىسىدە مېموراندۇم تۈزگەن ئىدى. كېيىن 1994‏-يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ كېلىشىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشنى چەكلىگەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ خىلدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرى توختىماي ئامېرىكىغا كىرىپ كەلدى. ۋۇ خوڭدا بۇنداق بولۇشىدىكى ئىككى خىل سەۋەبنى كۆرسەتتى. بىرى، خىتاي ئامېرىكىنى خىتايغا بېرىپ مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە يول قويمىغان. يەنە بىرى بولسا، ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭغا جىددىي پوزىتسىيە تۇتمىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چىقارغان بۇ قارار لايىھىسىدە، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئەيىبلەشتىن سىرت يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن قانۇننى ياخشىلاشنى ۋە نۆۋەتتىكى قانۇننى قايتىدىن كۆزىتىپ چىقىپ، تۈرمىلەردە ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.