خىتاي نېفىت شىركىتى پېترو قازاقىستاننى سېتىۋالدى


2005.08.22

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستاندا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت شىركىتى پېترو قازاقىستان، مەزكۇر شىركەتنى جوڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىگە 4 مىليارد 180 مىليون دوللارغا سېتىشنى قارار قىلغان. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە جوڭگو دېڭىز - ئوكيان نېفىت شىركىنىڭ ئامېرىكا يۇنىكال UNOCAL نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئارزۇسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش يولىدا چەتئەل نېفىت ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاتقان 2 - قەدىمى.

خىتايلار نېفىت سودىسىدا ھىندىستاننى يەڭدى

جوڭگو نېفىت شىركىتى پېترو قازاقىستاننى سېتىۋېلىش سودىسىدا ھىندىستان نېفىت كوپىراتىپى بىلەن رىقابەتلەشتى. "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان نېفىت كوپىراتىپى پېتروقازاقىستانغا 3 مىليارد 600 مىليون دوللار باھا قويغان. ئەمما خىتايلار بۇ قېتىمقى سودىدا ھىندىستان نېفىت كوپىراتىپىنى يېڭىپ، پېترو قازاقىستاننى ئىلكىگە ئالدى. جوڭگو نېفىت شىركىتى ئەسلى پېتروقازاقىستانغا 3 مىليارد 200 مىليون دوللار باھا قويغان. ئەمما ئاخىرى ئەسلىدىكى باھاغا ئاز كەم بىر مىليارد دوللار قوشتى.

پېترو قازاقىستاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، جوڭگو نېفىت شىركىتى پېترو قازاقىستاننىڭ ھەر بىر پاي چېكىنى55 دوللاردىن سېتىۋالغان بولۇپ، جۈمە كۈنگىچە 4 مىليارد 180 مىليون دوللارنىڭ 21 ٪ نى نەق پۇل بىلەن ئۆتەيدىكەن. بۇ سودا پېترو قازاقىستاننىڭ دىروكتورلار كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللاندى. ئەمما دىروكتورلار كېڭىشىنىڭ قارارى پېترو قازاقىستاننىڭ پاي ئىگىلىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك. پايچىكلار يىغىنى بۇ يىل 10 - ئايدا چاقىرىلىدۇ. ئەگەر مەزكۇر سودا ئەمەلگە ئاشسا، بۇ خىتايلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل نېفىت شىركىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سېتىۋېلىشى بولۇپ قالىدىكەن.

پېترو قازاقىستاننى سېتىۋېلىش خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى

مۇتەخەسسىسلەر خىتايلارنىڭ پېترو قازاقىستاننى ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سودا خىتايلار ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك بىر سېلىنما، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا مىلۋاكىي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدىكى قىلىچ قانات بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەك يېقىن بولمىغان دۆلەتلەردە ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تېرىشىۋاتقانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قازاقىستان بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىدىكى" ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەر." خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 7 - ئايدا ئاستانانى زىيارەت قىلغاندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېۋ بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ " ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك" مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزگەن.

خىتاي دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن كېيىنكى 2 - چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلىدىغان دۆلەت شۇنداقلا جوڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى دۇنيا بويىچە 10 چوڭ نېفىت شىركىتىنىڭ بىرى. پېترو قازاقىستاننىڭ مەركىزى كانادادا بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئاساسى كەسپىي مەشغۇلاتى قازاقىستاندا. پېترو قازاقىستاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ خام نېفىت زاپىسى 550 مىليون ۋارىلغا يېتىدىكەن. 2004 - يىلدا كۈنلىكى 150 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقارغان.

چەتئەل نېفىت ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش پىلانى گۇمان قوزغىدى

جوڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى قازاقىستاندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رۇخسەتنامىسىگە ئىگە بولۇپ، قازاقمۇنايگاز شىركىتى بىلەن ئاتىسۇ- ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ياسىماقتا. بۇ قۇرۇلۇشقا 700 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدۇ.

مىلۋاكىي ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى قىلىچنىڭ تەكىتلىشىچە، پېترو قازاقىستاننى سېتىۋېلىش قازاقىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى سىياسىتى بىلەن ئالاقىداركەن.

بۇ ئارىدا خىتاينىڭ چەتئەل نېفىت ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش پىلانى، سىياسى ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا شۇنداقلا ماي باھاسى ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبىدىن نېفىت شىركەتلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە.

يېقىندا خىتاينىڭ 3 - چوڭ نېفىت شىركىتى جوڭگو دېڭىز ئوكيان نېفىت شىركىتى ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى 18 مىليارد 500 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلار، بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش پىلانى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قارشى تۇردى. بۇ ئەھۋالدا جوڭگو دېڭىز ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ يۇنىكالنى سېتىۋېلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى.

قازاقىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن سىياسى جۇغراپىيىۋى ئەھمىيىتى زور

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايلارنىڭ پېترو قازاقىستاننى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشتىكى ئامىللارنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ سىياسى جۇغراپىيىسى بىلەن ئالاقىداركەن.

قازاقىستان خىتايغا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى، خىتايلار قازاقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 7 - ئايدا قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندا، ئاستانا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئاتالمىش تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىنى قازاقلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قايسى دەرىجىدە ماسلىشىشى بەلگىلەيدىكەن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.