كانادا سوتى خىتاينىڭ كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشىنى تەستىقلىدى

0:00 / 0:00

كانادانىڭ ئالبەرتا شىتاتىدىكى فېدېرال سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشىنى تەستىقلىدى. بۇ داۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغان رۇسىيىنىڭ لۇك نېفىت شىركىتى بولسا بۇ دەۋانى ستوكگولمدىكى خەلقئارا تالاش -تارتىشلارغا ھۆكۈم چىقىرىدىغان سوتقىچە ئېلىپ بارىدىغانلىغىنى ئەسكەرتتى.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋەلىش سودىسىنى ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنى چەكلەش تاكتىكىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.