
قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مايتاغ نېفىت بازىسىغىچە تۇتۇشىدىغان ئاتاسۇ - ئالاتاۋ تۇرۇبا يولىنىڭ رەسمىي پۈتكەنلىكى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش قازاقىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا ئاتقان مۇھىم قەدىمى بولۇپ قالىدىكەن.
ئالماتادىكى خىتاي - رۇسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى كامال بۇرھانوۋنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تەكىتلىشىچە، "بۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق قازاقىستان ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق سىياسى جۇغراپىيىۋى ئىستىراتېگىيىسىنى تولۇقلىيالايدۇ" شۇنداقلا " ئۆز نېفىتىنى سىياسى بېسىملاردىن خالى ھالدا ئۆزى خالىغان يوللار بىلەن ساتالايدۇ"
قازاقىستان خىتاينىڭ مۇھىم نېفىت مەنبەئەلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغۇسى
خىتاي ۋە قازاقىستان پەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرا قازاقىستاندىكى ئاتاسۇدىن ئالاتاۋغىچە تۇتۇشىدىغان 1000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش قازاقمۇناي گاز شىركىتى بىلەن جوڭگو مەملىكەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ ئورتاقلىشىپ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇشقا 700 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان. مەبلەغنىڭ 50%نى قازاقلار،50% نى خىتايلار چىقاردى. تۇرۇبا يولى يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت ئېقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ھازىرچە يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت بۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق مايتاغ رايونىغا توشىلىدۇ.
قازاقىستان پايتەختى ئاستانانىڭ 280 كىلومېتىر جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان ئاتاسۇ رايونىنىڭ قۇمقۇل نېفىتلىكىدىن كېلەر يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى رەسمىي نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلايدىكەن.
قازاقىستان - خىتاي نېفىت تۇرۇبا يولى ھەمكارلىقى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەسلىكى مۇمكىن. قازاقىستان دائىرىلىرى 2011 - يىلغىچە ئاتاسۇ- ئالاتاۋ تۇربا يولىنى كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى نېفىتلىقلارغا قەدەر ئۇزارتىپ 3000 كىلومېتىرغىچە يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دائىرىلەرنىڭ پىلانى بويىچە 2011 - يىلدىن كېيىن يىللىق نېفىت توشۇش مىقتارى 20 مىليون توننىغا چىقىرىلماقچى. بۇ ئەھۋالدا قازاقىستان خىتاينىڭ مۇھىم نېفىت مەنبەئەلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا نېفىت ئېچىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي - قازاقىستان نېفىت ھەمكارلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق نېفىت مەنبەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينىماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 2020 - يىلغىچە 100 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. شۇ چاغدا مەزكۇر رايون خىتايغا كېرەكلىك نېفىتنىڭ 60 % تەمىنلەيدىغان ئەھۋالغا كېلىدۇ.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت نازابايېۋ قازاقىستان، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە.
نازاربايېۋ "كۆپ قىرلىق تاشقى سىياسىتى" نى داۋاملىق يولغا قويىدۇ
قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيىتىنى چەكلەش، پرېزىدېنت نازاربايېۋنىڭ "كۆپ قىرلىق تاشقىي سىياسىتى" نىڭ بىر قىسىمى بولۇپ كەلدى.
نازاربايېۋ ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ " كۆپ قىرلىق تاشقى سىياسىتى" نى داۋاملىق يولغا قويۇدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نازاربايېۋ، " قازاقىستاننىڭ نېفىت تۇرۇبا يوللىرى بۇنىڭغا باغلانغان" دەيدۇ.
تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستىراتېگىيە ۋە تارىخ پەنلىرى ياردەمچى پروفېسسورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، نازاربايېۋنىڭ ھازىرقى تاشقى سىياسىتى خېلى بىر مەزگىلگىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن.
ئالماتادىكى، خەۋپ - خەتەرلەرنى مۆلچەرلەش، ئۇچۇر ۋە مەسلىھەت بېرىش ئورگىنىنىڭ مۇدىرى دوسىم ساتبايېۋنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ " قازاقىستانغا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن. ئۇ، "چۈنكى ئۇ تېز باش كۆتۈرىۋاتقان دۆلەت ۋە ياۋروپادىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئېنېرگىيە جەھەتتىكى رىقابەتچى" دەيدۇ.
خىتاي قۇدرەت تاپقانسىرى قازاقىستان ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلىنامدۇ؟
خىتاي، قازاقىستان نېفىت - ئېنېرگىيە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىشنى قەدەممۇ - قەدەم كۈچەيتمەكتە. يېقىندا خىتايلار كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت-قازاقىستان شىركىتىنى سېتىۋالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا جوڭگو مەملىكەتلىك نېفىت شىركىتى قازاقىستاندىكى بىر كانادا نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش پىلانى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي قازاقىستان ئۈچۈن بىر تەھدىت ئەمەس، ئەمما خىتاي قۇدرەت تاپقانسىرى ئۇنىڭ قازاقىستانغا سالىدىغان تەھدىتى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدىكەن. شۇڭا قازاقىستان كۆپ لىنىيىلىك نېفىت ئېكسپورت قاناللىرىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.
قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت قانىلى غەربىي قازاقىستاندىكى تەڭگىز نېفىتلىكىدىن رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى نوۋورۇسىيك پورتىغا بارىدىغان كاسپىي دېڭىز نېفىت تۇرۇبا يولىدۇر. ئەمما نازاربايېۋ ھۆكۈمىتى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولى بىلەن بىرگە، كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق ئازاربايجاننىڭ باكۇ شەھىرى ۋە بۇ يەردىن گرۇزىيە ئارقىلىق تۈركىيىگە تۇتۇشىدىغان باكۇ - جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولى پىلانىغا ئىشتىراك قىلدى. قازاقىستان باش مىنىستىرى دانىيال ئەخمەدوۋنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقلار باكۇ -جەيھان تۇرۇبىسى ئارقىلىق يىلدا 8 مىليارد 800 مىليون گالون نېفىت ئېكسپورت قىلالايدىكەن.