ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيە گاز مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
2006.01.04

1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيە گاز باھاسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارىسىدىكى مەزكۇر گاز ۋەقەسى، يەنى موسكۋانىڭ ئۇكرائىنىيەگە بېرىدىغان گازنى بىردىنلا توختىتىۋېتىشىدىن كېيىن، پەقەت ئۇكراىنىيىدىىلا ئەمەس بەلكى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى مەيدانغا چىقىپ، رۇسىيىنىڭ بۇ قىلمىشى تەنقىد ئاستىغا ئېلىندى.
ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە بىنائەن Rosukreenorgo شىركىتى ئۇكرائىنىيىنى رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئارىلاشما گېزى بىلەن تەمىنلەشكە ھەمدە ھەر مىڭ كۇب مېتىرنىڭ باھاسىنى 95 دوللار قىلىپ بېكىتىشكە پۈتۈشكەن.
مەزكۇر Rosukreenorgo شىركىتى رۇسىيىنىڭ گازپروم شىركىتى بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ Raiffeisenbank شىركىتىنىڭ بىرلەشمە پاي چېكى ئاساسىدا قۇرۇلۇپ، شىۋىتسارىيىدە تەسىس قىلىنغان ئىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە تەرەپ ئىلگىرىكى ھەر مىڭ كۇب مېتىر گازنىڭ باھاسىنى ئەسلىدىكى 50 دوللاردىن 230 دوللارغا كۆتۈرۈش نىيىتىدىن يانغان بولۇپ، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستاندىن ئەرزان سېتىۋېلىنغان گاز بىلەن رۇسىيە گېزىنى ئارىلاشتۇرۇش چارىسى قوللىنىلىش ئارقىلىق باھا چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. ئەمما، يەنە Rosukreenorgo شىركىتى كەلگۈسىدە ئۇكرائىنىيىنى تېخىمۇ ئەرزان بولغان تۈركمەنىستان گېزى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
غەرب نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىنىڭ ئارىسىدىكى گاز مەسىلىسىگە غەرب دۆلەتلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلدى ھەتتا غەرب مەتبۇئاتلىرىدا رۇسىيىنىڭ گازنى سىياسىي ۋاسىتىگە ئايلاندۇرغانلىقى تەنقىد قىلىندى. ياۋروپا ئېنېرگىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر ئېنېرگىيە كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپانىڭ مەزكۇر كرىزىسقا مۇنچىۋالا دىققەت قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان گازنىڭ 25%نىى رۇسىيە تەمىنلىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گازلارنىڭ ئۇكرائىنىيىدىن ئۆتىدىغان تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەردە بۇنىڭدا چوڭ مەسىلە كۆرۈلسە، بۇنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، غەربنىڭ دىققەت قىلغان نۇقتىسى رۇسىيىنىڭ گازنى سىياسىي ۋاسىتىگە ئايلاندۇرغانلىقىدۇر. بىراق، قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى شېرىپجان نادىروۋ بۇ مەسىلىدە باشقىچە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ" رۇسىيىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىلگىرىدىن ئۇكرائىنىيىنى تەمىنلەپ كەلگەن گازلىرىنىڭ باھاسىنى دۇنياۋى بازاردىكى جۈملىدىن ياۋروپا بېرىۋاتقان باھاغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى" كۆرسەتتى.
گاز مەسىلىسى ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتكە باغلىق
رۇسىيە-ئۇكرائىنىيە گاز كرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر كۆز قاراش شۇكى، ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن سېرىق رەڭلىك ئىنقىلاب نەتىجىسىدە رۇسىيە پەرەس ھاكىمىيەت يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ۋىكتور يۇشېنكو باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر جۈملىدىن رۇسىيىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى كۈچلەر ئىگىلىدى. ئۇكرائىنىيىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىرى ئاستا-ئاستا تازىلىنىشقا باشلىدى ھەمدە بۇ دۆلەتتە رۇسىيىگە قارشى كەيپىياتلار ئەۋجى ئالدى. ھەتتا بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كىيېۋ شەھىرىگە جەم بولۇپ، دېموكراتىك بىرلىك قۇرۇشنى قارار قىلىش بىلەن ئۇكرائىنىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل رۇسىيە تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ھەم دېموكراتىيىلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر مەركەزگە ئايلاندى. شۇڭا بۇ قېتىم، رۇسىيىنىڭ بىردىنلا گاز باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇكرائىنىيىگە يۇقىرى باھادا زورلاپ سېتىشقا ئۇرۇنۇشى، ئاقىۋەتتە ئۇكرائىنىيىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلماسلىقى بىلەن رۇسىيىنىڭ گازنى توختىتىۋېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپنى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشېنكو "ئۇكرائىنىيىنىڭ رۇسىيىدىن مۇستەقىل بولۇش كۈرىشى دەپ ئاتىدى".
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە ئارىسىدىكى گاز ئىختىلاپى ئوتتۇرا ئاسىياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ گازدىن كېلىپ چىققان بۇ قېتىمقى ئىختىلابىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان تەسىرى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت. گەرچە، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى بېسىمىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلسىمۇ، ئەمما پروفېسسور شېرىپجان نادىروپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى رۇسىيە-قازاقىستان گاز ئىختىلاپى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ جايلاردا رۇسىيىنىڭ تەسىرى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركمەنىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆز گازلىرىنى بىۋاسىتە ئۇكرائىنىيىگە بەرمەيدۇ. گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى سىياسىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىزچىل تۈردە رۇسىيىگە باغلىنىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بۇنىڭدىن بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى تۈركمەنىستانغا كېلىپ، گاز مەسىلىسىدە سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما باھادا كېلىشەلمەي، نەتىجە چىقمىغان.
رۇسىيە-ئۇكرائىنىيە گاز ئىختىلاپى، رۇسىيىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېنېرگىيە دۆلەتلىرى ۋە ئېنېرگىيىگە مۇھتاج مەملىكەتلەرنىڭ سىياسەت ھەم ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەربابلىرىنىڭ بەس -مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە گاز مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
- رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە تەبىئىي گاز مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ
- خەلقئارا جەمىيەت رۇسىيىنى ئەيىبلىدى
- ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىدە پارچىلىنىش يۈز بەردى
- رۇسىيىدە فاشىستلىق ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما قالماقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىدى