ئەپۇچانلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر

0:00 / 0:00

ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك قوزغاتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى ئاددىي ئىشلار ئۈچۈنمۇ نادانلىق قىلىپ قويىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تەپەككۇرى ۋە ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدۇ ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىتتىكلىك، ئېغىر - بېسىقلىق، ئالدىراقسانلىق، سەۋرچانلىق، سەزگۈرلۈك، دېۋەڭلىك قاتارلىق خىسلەتلىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشى ئۇلارنىڭ ئەسلى خاراكتېرىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور دەرىجىدە باغلىق بولسىمۇ، ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ باشقىلارغا مۇلايىم بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئەپۇچانلىقنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دىدى: " ھەقىقىي ئۇلۇغ ئادەم كامالەتكە يەتكەنسېرى كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولىدۇ. ئەپۇچان بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدۇ. تەنتەكتىن بىرى ئۇنىڭغا ئازار بەرگىلى تۇرسا ئۇ خۇددى يولدا ئويناۋاتقان سەبىي بالىلارنىڭ ئۆزىگە تاش ئاتقىنىغا قارىغان پەيلاسوپقا ئوخشاش ئېگىز چوققىدىن پەسكە باقىدۇ. كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەن چاغدا غەزەپ بەزىلەرنى ساراڭ بولۇش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىنى قان تۆكمىگىچە ئاقلانمايدىغان دەرىجىدە ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئۆ ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ قورغانلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولسا بۇنچىلىك ھالغا يېتىپ قالمايدۇ."

غەزەپنىڭ زىيىنى كۆپ

مۇھەممەد نىياز ھاجىم غەزەبلىنىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە مۇنداق دىدى:" غەزەپ ئادەم ئەۋلادى قەلبىدە يانغان چوغدۇر. كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكى، گۈرەن تومۇرلىرىنىڭ كۆپۈپ كەتكەنلىكى غەزەپنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان ۋاقتى بولۇپ، ئۇنى يېڭىشنىڭ چارىسى ئورنىدىن قوزغالماسلىق، ئۆرە تۇرغان بولسا ئولتۇرىۋېلىشتۇر. غەزەپنىڭ كەينىگە كىرگەن ئادەم خۇدىنى بىلمەي ئىشلارنى ئىسلاھ قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇپ قويىدۇ. بەزى كىشىلەر غەزەپلەنگەندە ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ، داۋاملىق تېرىكىپ يۈرىدۇ، ئېغىزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تىللايدۇ، قارغايدۇ. مۇنداق قىلىش ئىنسانى گۈزەل ئەخلاققا زىت كېلىدىغان قىلىقلاردۇر." پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:" مۆمىن ئادەم كىشىلەرنى تىللىمايدۇ، لەنەت ئوقۇمايدۇ، سەت گەپ قىلمايدۇ ۋە ھاياسىزلىق قىلمايدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.

ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم كۆپ ھاللاردا ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ نۇرغۇن ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. ئادەتتە ئىشىك ئېچىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنى تىللايدۇ، قولىدا تۇرمىغان سايماننى سۇندۇرۇپ قويىدۇ، ئۈركۈگەن ھايۋاننى قارغايدۇ. غەزەپنىڭ زىيىنى تولا، ئاقىۋىتى خەتەرلىك. شۇڭا غەزىپى قوزغالغاندا ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئىنسان باتۇر ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن "سىلەر قانداق ئادەمنى باتۇر دەيسىلەر؟ "دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر:' ھېچكىم ئۇنى يېقىتالمايدىغان ئادەمنى باتۇر دەيمىز' دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:' غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتالىغان ئادەم ھەقىقىي باتۇردۇر' دەيدۇ."

ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسان ئۆزىنى قانچە تۇتۇۋالغانسېرى، غەزەپنى قانچە بېسىۋالغانسېرى، ئېغىزىغا قانچە ئىگە بولغانسېرى، كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكىنى قانچە ئەپۇ قىلغانسېرى ئۇنىڭ كىشىلەر ۋە ئاللاھ نەزىرىدىكى ھۆرمىتى يۇقىرى بولىدۇ. (ئۆمەرجان)