خىتايدا كەڭ كۆلەمدە راي سىناش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن "مىنىڭ ئارزۇيۇم- قايتا تۆرەلگەندە جۇڭگولۇق بولۇپ تۆرەلمەسلىك" دېگەن ئوبزورنى يازغان، ھازىر شىمالىي ياۋرۇپادا تۇرۇۋاتقان خوڭكوڭلۇق جۇڭ زۇكاڭ ئەپەندىنىڭ "ئەپىيۇن تامىقى خىتايدا يامراپ كېتىپتۇ" ناملىق تەتقىقات ماقالىسى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى "يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىندى.
كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خىتايدا "ئەپىيۇن سالغان داڭقان شورپىسى" ئىجاد قىلىنىپتۇ
- ئەپىيۇننىڭ كېسەل داۋالايدىغان دورىلارغا ئارىلاشتۇرىلىدىغان دورا ماتېرىيالى ئىكەنلىكى ھەممە كىشىگە ئايان، ئەمما بىزنىڭ جۇڭگولۇقلاردا ھازىر ، --- دەپ يازىدۇ ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئالدىنقى سۆزىدە، - ئەپىيۇن تامىقى يىيىش مودا بولۇپتۇ. زامانىمىزدا ئەپىيۇن تېرىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خىتايدا "ئەپىيۇن سالغان داڭقان شورپىسى" دېگەن تاماق ئىجاد قىلىنىپتۇ. خىتايدا ھازىر بۇنداق يېڭى تاماقنىڭ مەستانىلىرى كۆپىيىپ كېتىپتۇ.
خىتايدىكى ئەپىيۇنكەشلىكنى ئەجنەبىيلەرگە دۆڭگەپ قويغىلى بولماس
-"ئەپىيۇن ئۇرۇشى" دېگەن ئۇرۇشتا ئەجنەبىلەر مىلتىقىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ پىشانىسىغا تەڭلەپ تۇرۇپ "بۇنى چەك" دېگەنگە پاكىت يوق. ئەمما ئەپىيۇن مەلھىمى ياكى ئەپىيۇن كومۇلىسى ياساشنىڭ ياكى ئەپىيۇننى قانداق چېكىش ياكى قانداق سوقۇپ ياكى قاينىتىپ ئىچىشنىڭ خىلمۇ-خىل شەكىللىرىنى جۇڭگولۇقلار ئۆزى ئىجاد قىلغانلىقىغا دائىر پاكىت بار، - دەيدۇ خىتايدا ئەپىيۇن ھادىسىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆزەتكەن بۇ ئاپتور. ئۇنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە،- ھازىر خىتايدا ئەپىيۇندا تاماق قىلىپ يەيدىغان "تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن مەدەنىيەت" پەيدا بولۇپتۇ. بۇنى ھازىر ھەتتا ھۆكۈمەتمۇ چەكلەپ كېتەلمەيۋاتقاندەك. شۇڭلاشقا ئەمدى خىتايدىكى ئەپىيۇنكەشلىكنى ئەجنەبىيلەرگە دۆڭگەپ قويغىلى بولماس.
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىلا شاڭخەي، سىچۇەنلەردە ئەپىيۇننى قاينىتىپ تەييارلايدىغان داڭقان شورپىسى پەيدا بولغان ئىدى. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كونا ئەپىيۇنكەشلىرى بۇنىڭغا كۆنۈك.
بىھۇدە تاپقان بايلىقنى سىڭدۈرەلمىگەنلەر ياكى نامراتلىقتا ئۈمىدسىز لىككە پاتقانلار ھازىر ئەپىيۇنغا خۇمار
- جۇڭگولۇقلار قەدىمدە ئۆلمەسلىك كومۇلىسى ياساپ چىقىش ياكى ئاياللارنىڭ پۇتىنى تېڭىپ قاچالمايدىغان قىلىش دېگەندەك بىرمۇنچە مەنىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان بولسا، زامانىمىزدىمۇ خىتايدا بىھۇدە تاپقان بايلىقنى سىڭدۈرەلمىگەنلەر ياكى نامراتلىقتا ئۈمىدسىز لىككە پاتقانلار، ئۆزلىرىنى بىھۇش قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەپىيۇنغا خۇمار بولغان، دەپ تەھلىل قىلىدۇ جۇڭ زۇكاڭ ئەپەندى "ئەپىيۇن تامىقى خىتايدا يامراپ كېتىپتۇ" دېگەن ماقالىسىدە. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، --- "جۇڭگوچە دورا رېتسىپلىرى" دېگەن ژۇرنالنىڭ 1992 - يىل 3 - سانىدا، بەزى جايلاردا كوكنار پوستىنى سوقۇپ، ئۇنى تەم پەيدا قىلىدىغان دورا-دەرمەكلەرگە قوشقانلىقى ياكى ئۇنى داڭقا شورپىسىنىڭ خۇرۇجى قىلىپ، خىرىدارلارنى خۇمار قىلىش ئارقىلىق كۆپ پۇل تاپقانلىقى تەپسىلىي پاش قىلىنغان ئىدى. 2000 - يىلى 6 - ئايدا "سۈپەت گېزىتى" دە خېنەن ئۆلكىسىگە كىرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئەپىيۇن ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكى، لوياڭ شەھىرىدە بەزى ئاشخانىلاردا ئالاھىدە تاماق تۈرى دەپ سېتىلىدىغان "داغلىغان بېلىق"، "دۈملىگەن توخۇ" دېگەن تاماق تۈرلىرىنىڭ تەركىبىدە ئەپىيۇن بارلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. 2001 - يىلى فۇجەندە ئىشلەپچىقىرىلغان تېتىتقۇلاردا ئەپىيۇن بارلىقى ۋە ئۇنىڭ يۈننەنگە كۆپلەپ كىرگۈزۈلگەنلىكى پاش قىلىنغان ئىدى. 2005 - يىلى "شەرق گېزىتى"دە "ئەپىيۇن قوشىقان داڭقان شورپىىسى" دېگەن يېڭى تاماق تۈرىنىڭ خوڭكوڭدا كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. 2006 - يىلى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە "تەملەر پادىشاھى" دېگەن داڭقان شورپىسى خۇرۇجىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. ھەتتا تىبەتتىمۇ بۇلتۇر 11 - ئايدا، بۇنداق "داڭقان شورپىسى" پەيدا بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خۇجىنتاۋ تېخى "ئەپىيۇنكەشلىك نومۇس" دېگىنى يوق
لېكىن ھازىرغىچە قەدەر خىتايدا تېخى ، - دەيدۇ ئاپتور،- 1930 - يىللاردا يەنئەندە ئەپىيۇن تېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان جۇڭگولۇقلارنى زەھەرلەش ئارقىلىق پۇل تېپىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كوممۇنىست پارتىيىسى، خىتايدا پاش قىلىنغان بۇنداق يامان ئىللەتلەرنى مەنبەسىدىن باشلاپ چەكلىگەنلىكىگە دائىر ئېنىق پاكىت يوق. خۇ جىنتاۋ گەرچە "سەككىز شەرەپ" ، "سەككىز نومۇس"نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەپىيۇنكەشلىكنى تېخى نومۇس دېگىنى يوق. خىتايلار بۇرۇن ئەپىيۇنكەشلىكنى ئەجنەبىيلەرگە دۆڭگەپ قويغان بولسا، ھازىر ئەپىيۇن ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ، ئۇ خىتايغا كىرىۋاتىدۇ، دەپ يەنىلا باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇۋاتىدۇ، پۈتۈن چېگرانى خىتايلار ئۆزلىرى توسۇپ تۇرۇپ، ئەپىيۇن يۆتكەشنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ قويۇۋاتىدۇ. خىتايلار ئەپىيۇنكەشلىكنى پەقەت ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. ھەتتا خۇ جىنتاۋمۇ "سەككىز شەرەپ" ، "سەككىز نومۇس" دەپ سۆزلىگەن بىلەن، ئەپىيۇنكەشلىكنى تېخى نومۇس دېگىنى يوق. بۇرۇن ئەپىيۇنكەشلەر ئەپىيۇننى ئىزلەشتىن نومۇس قىلىپ "ماڭا دورا بولدى" دەيتتى، ھازىر خىتايدا "تاماق قىلىپ يەيمەن" دەپ ئاشكارا سۆزلەيدىغان بولدى. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىر خىتايدا ئالتە ئادەمنىڭ بەشى جۇڭگولۇق بولۇپ تۇرۇشنى نومۇس دەپ بېلىدىغان بولۇپ قالدى. (ۋەلى)