ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان 2006 - يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي، دۇنيا بويىچە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئەڭ زور دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە "خىتاي، ئامېرىكىنىڭ نەشر ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئەقلىي مۈلۈككە ئائىت ماتېرىيال، كەشپىيات، ماركا، تىجارەت مەخپىيەتلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىمىغان ھەمدە ئوغرىلىقچە نەشر قىلىدىغان، ساختا مال ياسايدىغان ھەرىكەتلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بەرمىگەن" دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.
ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامېرىكا پات ئارىدا خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. لېكىن بىر قىسىم سودا مۇتەخەسسىسلىرى " بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە.
يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە چوقۇم يېتەرلىك چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ۋەدە بەرگەن. لېكىن كۆپلىگەن ئانالىزچى ۋە زىيالىيلار " گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارادا كۆپ قېتىم ۋەدە بېرىپ، نۇرغۇن كېلىشىمىلەرگە قول قويغان بولسىمۇ، مەزكۇر مەسىلە ھېچقاچان ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلىنمىدى، شۇڭا ھازىر پەقەت ئامېرىكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا جامائىتى بىرلىككە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە يېتەرلىك قاتتىق بېسىم قىلىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.