يېقىندا، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى Diana Wotson, Carl Levin, Tom Coburn قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى شۇنداقلا نەشر ھوقۇقى ئوغرىلانغان ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا ئېقىپ كىرىش ئارقىلىق مەزكۇر دۆلەتكە زور زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىدى
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئامېرىكا -خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇھاكىمە كومىتېتى رەئىسى Larry Wortzel ئەپەندى مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە "گەرچە خىتاي ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش مەسىلىسىدە بىر قىسىم قانۇن - نىزامنامىلەرنى بېكىتكەن بولسىمۇ، بېكىتىلگەن قانۇن بەلگىلىمىلىرى يەنىلا ئېنىق بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە، مەركىزى ھۆكۈمەت ھېچقاچان يېتەرلىك چارە - تەدبىرلەرنى قوللانمىدى " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە "مەركىزىي ھۆكۈمەت ساختا مال ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىدى، پەقەت ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا ماللار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەندىلا ئاندىن زۇۋان سۈرىدۇ، مەسىلەن، مەركىزى ھۆكۈمەت 2008 - يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنى قوغداش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى" دېدى.
Diana Wotson: خىتاي ئەڭ چوڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىسى
مەزكۇر يىغىندا بىرىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان پارلامېنت ئەزاسى Diana Wotson خانىم ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :
"ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئىقتىسادىنىڭ ساغلام ھەرىكەتلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر ئىش. 2006 - يىللىق پرېزىدېنت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي كاپىتالى ئامېرىكىدىكى بارلىق شىركەتلەرنىڭ مال - مۈلكىنىڭ 3 تىن بىرىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدۇ. ھازىر دۇنيا سودىسىنىڭ 7 % ئى ئەقلىي مۈلۈكنىڭ ئوغرىلىنىشى ئارقىلىق كېلىپ چىققان. خىتاي بولسا ئەڭ چوڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتايدىكى ھەر تۈرلۈك ماللار ئارىسىدا، 15% - 20% كىچە بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ساختا مال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ساختا مەھسۇلاتلار ئامېرىكا بازىرىغا توختىماي ئېقىپ كىرمەكتە. ئامېرىكا كۆچمەنلەر تاموجنا قانۇنىنى بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا چېگرىسىدا ئولجا ئېلىنغان نەشر ھوقۇقى ئوغرىلانغان تۈرلۈك ساختا ماللارنىڭ 70% ئى خىتايدىن كىرگەن ".
خىتاي دوراپ ياساشتا ئەڭ ئالدىدا
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزاسى Carl Levin خىتاينىڭ نەشر ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قىلمىشىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زور تەسىر يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ماشىنا سايمانلىرىنىڭ خىتايدا ئېغىر دەرىجىدە دوراپ ياسىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى:
"مەن ئامېرىكا ماشىنا سايمانلىرىنىڭ خىتايدا خالىغانچە دوراپ ياسىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالماقچىمەن. بۇ خىل ئەھۋال ھازىر خىتايدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ ئىقتىساد ۋە ئاممىۋىي بىخەتەرلىككە زور تەسىر يەتكۈزمەكتە. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خىتاينىڭ ئامېرىكىنى دوراپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ساختا ماشىنا سايمانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئامېرىكا ماشىنا سايمانلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە دوراپ ياسىلىۋاتقانلىقتىن، ئامېرىكىدىكى ماشىنا سايمانلىرىنى ياساش شىركەتلىرى يىلىغا 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا سايمانلارنىڭ 75% تىگە خىتاي مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئاپتوموبىللارنىڭ شامالدىن ساقلىنىش ئەينىكى، ئالدى -كەينى چىرىقى، چاقى ھەتتا بىخەتەرلىك بەلۋىغى قاتارلىق ھەر بىر زاپچاسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك دوراپ ياسالغان. يەنى خىتاي پۈتۈن بىر ئاپتوموبىلنى دوراپ ياساپ چىقتى دېسەكمۇ بولىدۇ ".
Tom Coburn: خىتاي ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا قۇرۇق گەپ قىلىشقا ئامراق
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى Tom Coburn ئەپەندى "خىتاي ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا، قۇرۇق گەپ قىلىشقا ئامراق، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان قۇرۇق سۆزى ئەمەلىي ھەرىكەتتىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
"بىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تەننەرقى جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيمىز، خام ماتېرىيال تەننەرقى جەھەتتىمۇ خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيمىز. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىي مۈلۈك جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىمىزنى قوغداپ قلالمىساق، ئىقتىسادىمىز زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە، خىتاي قۇرۇق گەپ قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق ئەمەلىي ئىپادە كۆرسەتكىنى يوق. مەن بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن خىتايغا بېرىپ بىر قانچە سودا بازارلىرىنى ئايلاندىم. سودا سارايلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا " مەزكۇر سادا سارىيىدا ساختا ماللار سېتىلمايدۇ" دەپ يېزىلغان. لېكىن كىرىپ قارىسام، كۆپلىگەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنى دوراپ ياسىغان ماللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باھاسى خەلقئارا بازاردىكى باھانىڭ 3 تىن بىرىگە، ھەتتا 5 تىن بىرىگە تەڭ كىلىدىكەن ".
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرى ھەممىسى بىرلىكتە دېگىدەك "ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە، چوقۇم خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغان قاتتىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)