خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ سودا مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىپ، خىتاينىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىغا ئوخشىمايدىغان ئىنكاسلاردا بولماقتا. ئاۋسترالىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ياپونىيە قاتارلىق يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھازىرچە ئالدىراپ ئامېرىكىغا ئاۋاز قوشمايدىغانلىقىنى يەنى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ -سېتىش مەسىلىسىنىڭ كۈنسايىن ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسلىرىمۇ كۈچىيىشكە قاراپ ماڭغان.
مەتبۇئات زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ئاۋسترالىيىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئامېرىكىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى مەيدانى ناھايىتى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە، خىتاي بۇ مەسىلىگە سەل قارىماستىن ئەكسىچە ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك قانۇن -بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىشى ۋە بۇ قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى بېجىرىشتە قاتتىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى.
ياپونىيىنىڭ مەيدانى ھەققىدە قاراشلار
ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يەنە بىر سەبدىشى ياپونىيە بولسا مەزكۇر مەسىلىدە، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشتا، ياپونىيىنى ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇشقا ئۈندىگەن. لېكىن ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان ياپونىيىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ياپونىيە سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ"ئەگەر توكيو ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاپ، خىتايغا قاتتىقلىق قىلىدىكەن، ئۇنداقتا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ستېۋىن ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ياپونىيىنىڭ بۇ خىل ئېھتىياتچانلىقىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ، "ھازىر ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەر بەكمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى؛ ياپونىيە ئۈچۈن، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىق. ياپونىيە سودا ساھەسى بۇ ھەقتە توكيو ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن تېركىشىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلماقتا. بولۇپمۇ ھازىر ئىككى دۆلەت ئۆز- ئارا سىياسىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ بۇزغۇنچىلىق ئاقىۋىتى ئېلىپ كېلىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرچە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەمدە ئالدىراپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا نەشرىيات بىرلەشمە كېڭىشى ئامېرىكىنى قوللىدى
بېيجىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىك مەسىلىسىگە مەسئۇل بولغان لېيتىن خانىم "ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خىتايدىكى ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى نەشرىيات ئەركىنلىكى، كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى دېگەندەكلەرگە يول قويۇشى كېرەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى.
مەركىزى جەنۋەدىكى خەلقئارا نەشرىيات بىرلەشمە كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئەرز سۇنغانلىقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، "خىتايدىكى بۇ خىل قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش دېگەندەك قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى پەقەت ئامېرىكىنىڭ نەشرىيات ساھەسىگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نەشرىيات ساھەسىگە زور زىيان ئېلىپ كەلمەكتە" دەپ كۆرسىتىلگەن. (مېھرىبان)